قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىك ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا، جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋىلايىتىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىر ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئورۇنلاشقان.

قازاقىستان ئىلگىرىكى 70 يىل مابەينىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1991-يىلى مۇستەقىل بولدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتىن مەملىكەتتىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى بولغان چونجا يېزىسىدا ئەنە شۇ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تەرغىب قىلىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر ناھىيەلىك «دوستلۇق» ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا ئىماملار، يىگىت باشلىرى، زىيالىيلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھىيەنىڭ غالجات، كەتمەن، داردامتۇ، تۈگمەن، چارىن، چونجا قاتارلىق يېزىلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 50 تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

يىغىن رىياسەتچىسى «دوستلۇق» ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى روزاخۇن ناسىروف دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كۆرۈلىۋاتقان بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قەتئي ساقلاش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتكە ساناقلىق ئەدەملەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دەسلەپ سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ باش ئىمامى دانىيار راقىشېف قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ناھىيەدە 25 مەسچىتنىڭ بارلىقىنى، شۇ جۈملىدىن سۈمبە، چارىن ۋە شۇڭقار يېزىلىرىدا زامانىۋىي مەسچىتلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دانىيار راقىشېف بۈگۈنكى كۈندە ئاھالە ئىچىدە ئىسلام دىنىغا، دىنىي ئەنئەنىلەرگە يات ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلق ئىچىدە بۇ ھەقتە تەرغىبات يۈرگۈزۈشتە ئىماملارنىڭ ۋە يىگىت باشلىرىنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغانلارنىڭ بىرى كەتمەن يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى شېرىپىدىن جېلىلوف يېزىدا نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ تەرتىپكە چۈشكەنلىكىنى، شۇنداقلا تويلارنىمۇ بىر ئىزغا، بىر تەرتىپكە سېلىش يۆنىلىشىدە ئىشلارنىڭ داۋاملىق يۈرۈشلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن مىللەت بولۇپ تۇرىدۇ. چونجادا ئۆتكەن يىغىندا ھەقىقەتەن ياخشى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ۋە زامانىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاشتا قانداق يەنە يوللارنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك؟ يىغىندا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى زامانىۋىي يولدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆز يولىغا چۈشۈرۈش مەسىلىلىرى تەكىتلەندى. ھەقىقەتەنمۇ ھەر قانداق خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى دىن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئەمما ئىسلام دىنى بىزنىڭ سەككىزىنچى، يەنى ئەڭ ئاخىرىقى دىنىمىز بولۇپ قالدى. شۇ سەككىز دىن ئىچىدە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ، مۇشۇ كەمگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاش ياشلارنىڭ كېلەچەكتىكى پارلاق يولى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوڭلار بۇ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ياشلىرىمىزغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك.»

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى پەيدىن-پەي ۋە بىرلىشىپ ھەل قىلىشقا بولىدىكەن. بۇ جەھەتتە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتىكەن.

يېرشات ئەسمەتوف بىر ناھىيەنىڭ ھەر بىر يېزىسىدا دىنىي رەسىم-قائىدىلەرنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاشتا ھەر خىل كۆزقاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى بىر تەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېرشات ئەسمەتوف ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىگە جىددىي قاراش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنى خەلققە چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن. ھازىر بىرەر ئائىلىگە داستىخاننى مۇنداق ياي، نەزىرنى مۇنداق ئۆتكۈز، يا بولمىسا تويۇڭنى مۇنداق ئۇيۇشتۇر دېيىشنىڭ ئۆزى قوللايسىز. سەۋەبى ئادەملەنىڭ ئىجتىمائىي ھالىتى ھەر تۈرلۈك. بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇراھال بىر يېشىم بويىچە ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. تويلاردىكى ۋە نەزىرلەردىكى كەمچىلىكلەرنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئورنىغا سېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى زور. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى قازاق قېنىنداشلاردىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشتى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. مۇشۇنىڭ ھەممىسى قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ، بىرلىكىنىڭ، رازىمەنلىكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى، دەپ ئويلايمەن.»

يېرشات ئەسمەتوف مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلار ياش ئەۋلادلارغا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىقتا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتىكەن.