مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مىللىي مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە داۋاملىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا.
ھازىرقى ۋاقىتتا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر قازاقىستاننىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدىكى پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئورۇنلاشقان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى مەزكۇر رايونلاردىكى تولۇق ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە بىلىم ئالىدۇ. ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سانى 16400 ئادەمنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاپ كەتكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قازاق، رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش كەيپىياتى كۈچەيگەن. بۇ بىرقاتار ئەھۋاللار ئۇيغۇرلاردا مىللىي مائارىپنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىش پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش زۆرۈرىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق زور قىسمى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى يوق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپى ياشايدىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش دىققەت نەزەردە بولماقتا.

ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە قازاقىستاندىكى قازاقلار، رۇسلار، ئۆزبېكلەردىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۆز تىلىدا مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى. لېكىن، نۆۋەتتە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي ئۆز ئانا تىلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللىي مائارىپىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۆلۈم مۇھەررىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى ئاي ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابى قۇرۇلغانكەن. مەزكۇر شتاب ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنى ۋە سىنىپلارنى قوللاشنى، ئۇلارغا بالا توپلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشنى، شۇنىڭدەك ئانا تىلىدا ئوقۇش ئەۋزەللىكلىرىنى كۆپچىلىك ئارىسىدا تەرغىب قىلىشنى، مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى، مەكتەپلەرنى ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشتە ياردەملىشىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
شەمشىدىن ئايۇپوف مۇنداق دېدى: «بىز ئىشىمىزنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرى جايلاشقان ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىلىم باشقارمىسى، شۇنداقلا تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف ناھىيەلىك بىلىم بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن باشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاينىڭ ئىچىدە بىز يۇقىرىدا ئاتالغان ناھىيەلەرنى ھېسابقا ئالغاندا، ئومۇمەن 63 مەكتەپنى، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنى ئارىلاپ چىقتۇق. بۇ مەكتەپلەردە بۈگۈنكى كۈندە ئومۇمەن 16 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمىز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. سەپەر داۋامىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئەنە شۇ مەكتەپلەر مەمۇرىيىتى، مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانىلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشقا كېلىشتۇق. شتاب ئىشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، بىز پەقەت ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىشلا ئەمەس، بەلكى بىلىم ساپاسىنى ياخشىلاش، تەجرىبىلىك مۇئەللىملەرنى ۋە تىرىشچان، تالانتلىق بالىلىرىمىزنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ياش ئەۋلادلىرىمىزنى قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا، شۇنداقلا مىللىي روھتا تەربىيەلەش، ئۇلارنى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا جەلپ قىلىش ئوخشاش كۆپلىگەن مۇھىم مەسىلىلەرنىمۇ كۆزدە تۇتتۇق.»
شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شتابى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى، ئۇيغۇر تىياتىرى، خانىم-قىزلارنىڭ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، رەسساملار، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش بويىچە مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ ھەل قىلىشقا كېلىشكەن ۋە شۇنىڭدەك باشقىمۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتىكەن.
قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى» نىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى بولۇپ، بۇ جەھەتتە يۈكسىلىنىش، گۈللىنىش بىلەن بىر قاتاردا چۈشكۈنلۈك دەۋىرلىرىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەنىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا ئىلگىرىكى جەدىتچىلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر يوقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېڭى تىپتىكى مەركەزلەشكەن بىلىم سىستېمىسى قۇرۇلغانىكەن.
ئالىمجان ھەمرايېف يەنە مۇنداق دېدى: «1958-يىلى ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، نۇرغۇنلىغان قازاق زىيالىيلىرى بىزگە ياردەمگە كەلدى. جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئانا تىلىمىزدىكى مەكتەپلەر سانى كۆپەيدى، يېڭى شەكىلدە راۋاجلاندى، بۇنىڭغا دۆلەت ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. شۇ چاغدىكى ئېنېرگىيە، كۈچىمىز بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تا 1991-يىلغىچە تەرەققىي ئەتتى، ناھايىتى چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى، ئۇستازلىرىمىز چوڭ شان-شۆھرەتكە ئېرىشتى. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان يىللىرى ئەھۋال تېخىمۇ كۈچەيدى. خەلقنىڭ شۇ ۋاقىتتا توپلىغان مەلۇماتلىرى بويىچە بالىلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 1994-يىلدىن باشلاپ ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. بازار ئىقتىسادىغا ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى، بىزگە بولغان دىققەتمۇ سۇسلاشتى. بىلىم ساھەسىدە كەسكىن بۇرۇلۇشلار ھاسىل بولدى، ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. مۇشۇ جەريانغا تاقابىل تۇرۇش، بۇنى مۇھاكىمە قىلىش ئىشلىرىدا بىزدە تەجرىبىمۇ يوق ئىدى».
ئالىمجان ھەمرايېف شۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتلارنىڭ قولدا بولمىغانلىقىنى، پاكىتلارنىڭ يوقلۇقىدىن دىققەتنىڭ باشقا مەسىلىلەرگە ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، مىللىي مائارىپنىڭ غوللۇق مەسىلىلىرىنىڭ دىققەتتىن سىرت قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كېمىيىشىگە بالىلار باغچىلىرىنىڭ، مەكتەپ ئالدى تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ يوقلۇقى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوقۇش قوراللىرى نەشر قىلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە تولۇق يەتمەيۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى كادىرلار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر سەۋەب بولماقتىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەنە شۇ 1994-يىلدىن تارتىپ قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا جاي-جايلاردا ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىش، مىللىي مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان. بۇ ھەرىكەت ھازىر تېخىمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئانا تىلىنى قەدىرلەش، ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش بويىچە تەشۋىق ئىشلىرى توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاقماقتىكەن. ھەتتا بۇ ئىشلارغا يۇرت جامائەت ئاقساقاللىرى، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلار، يىگىت باشلىرىدىن تارتىپ ئاكتىپ قاتناشماقتىكەن.