«مىڭبىر كېچە» شېئىرىنىڭ ئاپتورى گۈلنىسا ئىمىن 17 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.12.06
lager-yepiq-terbiyelesh-oginish.jpg ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

رادىيومىز ئوبزورچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۈچ ئاي ئاۋۋالقى بىر پروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇشىچە خوتەن چىرالىق شائىرە گۈلنىسا ئىمىن 2015 ‏-يىلدىن باشلاپ «مىڭبىر كېچە» ناملىق بىر يۈرۈشلۈك شېئىر ئېلان قىلغان؛ ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2017 ‏-يىلدىن باشلاپ دۇچ كەلگەن دەھشەتلىك ۋەزىيەتنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ۋە يۈز بەرگۈسى ئاقىۋەتلەرنى تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ئەينەن تەسىۋىرلىگەن شائىرەنىڭ بۇ چاتمىسى 345 ‏-كېچىسىگە كەلگەن ئۈزۈلۈپ قالغان؛ ئارىدىن ئىككى يىلچە ئۆتكەندە ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئوبزوردىكى بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 17 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ۋە مۇش تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىلىك بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شائىرە گۈلنىسا ئىمىن ئۇيغۇر دىيارىدا، 2014 ‏-يىلى 6-ئايدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش دولقۇنى باشلانغاندىن تاكى 2018 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر بىرنەچچە قېتىم تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. بۇ جەرياندا يۇرتداشلىرىنىڭ تۇتۇلغان پېتى ئىز-دېرىكى يوق بولۇۋاتقانلىقى ۋە ياكى ئوچۇق مەيدان سوتلىرى ئېچىلىپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېسىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ساقچىلارنىڭ قىلچە ئەخلاق ۋە ئىنتىزام تونۇمايدىغان خۇي-پەيلىنى، «قانۇن ئىجرا قىلىش» نامى ئاستىدا قانۇننى ئاياق-ئاستى قىلىدىغان قىلمىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ھېس قىلغان. ئۇ شۇ يىللاردا، بۇ قورقۇنچلۇق قاتتىق زەربە دولقۇنىنىڭ بىر دەھشەتلىك ۋەزىيەتنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ۋە «مىڭبىر كېچە» ناملىق چاتما شېئىرىنى باشلاپ، پۈتۈن ئەندىشىلىك ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئۈمىد ئارزۇلىرىنى مىسرالارغا تۆككەن. رادىيومىز ئوبزورچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىلگىرىكى بىر پروگراممىسىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇمۇ، شائىرە گۈلنىسا ئىمىننىڭ ئىجادىي ۋە سىياسىي ھاياتىدىكى بۇ بۇرۇلۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن قىسمەتنى، يەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىر نامايىش مەيدانىدىن خەۋەر تاپقان.

بىز گۈلنىسا ئىمىننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن چىرا ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ۋە شائىرەنىڭ ئىش ئورنى بولغان چىرا ناھىيەلىك 2 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. دەسلەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار، گۈلنىسا ئىمىن ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئەنسىز كەيپىياتتا جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ئاچالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلنىسا ئىمىن 1976 ‏-يىلى، چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى قىلىنىپ جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان ۋە خىتايچە، ياپونچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئوبزورچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ كۆزىتىشىچە، شائىرەنىڭ «مىڭ بىر كېچە» شېئىرى 2015 ‏-يىلى 4 ‏-دېكابىردا باشلانغان ۋە 2018 ‏-يىلى 28 ‏-مارت كۈنى ئاخىرلاشقان. جەمئىي 345 كېچىدىكى ئوي-خىياللىرىنى قەلەمگە ئالغان. ئوبزوردا دېيىلىشىچە، گۈلنىسا ئىمىن يۇرتىدا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن نۆۋىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغان ۋە ئۆزى قامالغۇسى ئاياللار تۈرمىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

بەلكىم مەن تۈرمە تاملىرى ئىچىدە

يەنە تىزىملانغان ئىسمىمنىڭ چاقىرىلىشىنى كۈتەرمەن

بەلكىم، بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىشلار

تۇيۇقسىز ياكى ناھايىتى ئاستا يۈز بېرىپ قالار.

ئاشۇ چاغلاردىن كېيىن

تىزىملانمىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى

قوزغىلىپ تۇرغان كۆڭۈل ئاغرىقىمنى يوشۇرۇپ، ئۇنتۇپ

ساقلارمەن ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكتىكى ئىسمىمنىڭ نۆۋىتىنى.

رادىيومىزغا كەلگەن چىرالىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا، شائىرە گۈلنىسا ئىمىنىڭ يازغان «مىڭبىر كېچە» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە بەزى ناخشا تېكىستلىرى «بۆلگۈچىلىك» ئىدىيەسىنىڭ تەشۋىقاتى دەپ قارىلىپ 18 يىلى كېسىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چىرا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار بىر خادىم، گۈلنىسا ئىمىننىڭ 2017 ‏-يىلى بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 2018 ‏-يىلى قايتا تۇتقۇن قىلىنغاندا، بىر يىلچە لاگېردا ياتقاندىن كېيىن 2019 ‏-يىلى كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

گۈلخان ناملىق تەخەللۇستا يېزىلغان «مىڭبىر كېچە» شېئىرلىرىدا قورقۇنچلۇق، ئېنىقسىز ۋە بۇرۇختۇرمىلىق مۇھىتىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان تەشنالىق مۇنداق قەلەمگە ئېلىنغان:

ئۇ بوشلۇق ئىزدەيدۇ ياشاۋېتىپ

ئۆزىدەك يېرىلمايدىغان تاش ئۈستىدە

تۆكۈلەلمەيدىغان قىرتاق ياش ئىچىدە

بىر دەقىقە تىنىش ئۈچۈن

سەرەڭگىچىلىك بولسىمۇ يېنىش ئۈچۈن

ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغان بەرداش ئىچىدە.

مەزكۇر ئالاقىدار خادىم گۈلنىسا ئىمىننىڭ قانداق بىر «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقى، كونكرېت قايسى شېئىرىنىڭ «جىنايەت» كە پاكىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە توققۇزاق مۇشتىكى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مەزكۇر ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان شائىرە گۈلنىسا ئىمىن، قاراڭغۇ تۈنلەرگە شاھىت بولۇۋاتقان ۋە ئازابلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە يازغا «مىڭبىر كېچە» شېئىرىدا پارلاق بىر كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش ۋە بېشارەت بېرىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان:

«سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ

سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ

سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ،

قۇچىقىمنى ساڭا تولدۇرۇپ.

قىيالماستىن كەتكەن ھىلالنىڭ

كىرپىكىگە شەبنەم قوندۇرۇپ.

سوزۇلىدۇ يوللار ئازادە،

بوسۇغاڭنىڭ تۈۋىگە قەدەر.

ئەكېلىدۇ سېغىنىشىڭنى،

دېرىزەڭدە ئۈنلىگەن كەپتەر.

شاخلاردىكى غۇچچىدە پىراق،

خىيالىمغا تامىدۇ تىم-تىم.

ئاي نۇرىدەك سۈزۈك ھىجرانىڭ،

ئىشىكىمدىن ئۆتتى مىڭ قېتىم.

يېيىپ قات-قات بەرگلىرىنى،

قىزىل گۈلدەك چۈشلەر ياتىدۇ.

لەۋ ياققانچە چوغدەك لېۋىمگە،

سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچۇلار، يۇقىرىدا «مىڭبىر كېچە» چاتما شېئىرىنىڭ ئاپتورى شائىرە گۈلنىسا ئىمىننىڭ 17 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى توققۇزاق مۇش تۈرمسىدە ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.