«مىراس» فوندى: «ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس» فوندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى جەھەتتىن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باستۇرۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ سىستېمىلىق بىر شەكىلدە لاگېر ئىچىگە ياكى لاگېرغا يىقىن يەرلەرگە سېلىنغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە تۇتقۇنلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرى يۆتكەپ ئېشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكانىڭ ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تەدبىقلىغاندا «ئادەم ئەتكەسچىلىكى» كاتىگورىيەسىگە كېرىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىيي ئەمگەك مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 13-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ 328 كىرىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىدە خىتايدا لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى (WRO) ئېلان قىلغان ئىدى. «مىراس» فوندى مەزكۇر دوكلات ئارقىلىق ئامېرىكانى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

«مىراس» فوندى ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئولىۋىيا ئېنوس خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ دوكلاتنى‹ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى› دەپ قارايمەن. مەقسىتىمىز قانۇن تۈرگۈچىلەرنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنى ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلشىنى قارار قىلىشىغا ياردەم بېرىش. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ‹بارنى بار دېيىش كېرەك›، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنى رېئاللىق. بۇ جىنايەتكە قارشى كونكىرېت بىر تەدبىر قوللىنىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا چېگرىلىرىدا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىنى چىقاردى. لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا بىز تەييارلىغان دوكلاتىمىزدا بىر قانچە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنجىسى، نىشاننى ئېنىق قىلىش. يەنى بىۋاستە لاگېرلارغا باغلىق بولغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەدبىرنى كۈچەيتىش. ئىككىنجىسى، خىتاينىڭ پۈتۈن دۆلەت ئىچىگە كېڭەيگەن زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدور مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. يەنى بىزنىڭ پىكىرىمىز ئىسپاتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش. شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىش ئوبيېكتى قېلىشى داۋام قېلىۋاتىدۇ.»

ئولىۋىيا ئېنوس خانىم خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ داڭلىق ماركىلار تارقالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنىڭ مۇھىملقى ھەققىدە توختالدى: «ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى يالغۇز ھەل قىلىپ بولالمايدۇ. پەقەت ئاسىيادىكى دۆلەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قارارى چىقىرىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئۆزلىرىنىڭ بازارلىرىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلغاندا، ئاندىن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. مەن ئامېرىكانىڭ باشچىلىقىدا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي ماللىرىنىڭ ئورنىغا باشقا ئىشەنچلىك دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىنى كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشىنى، ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› ئارقىلق ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل شەكىلدە باستۇرۇشقا چېتىشلىق بولغان خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› بويىچە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق جىنايەتلەرگە قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئېلىنمايۋاتقانلىقنى كۆرۈۋاتىمىز.»

13-يانۋار ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر كۈندە كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى فرانشىس فىلىپ شامپەيىنمۇ كانادانىڭ ئوخشاش تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشى، كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ياپونىيە كىيۇتۇ خەۋەر تورىنىڭ 21-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 12 ياپونىيە شىركىتى خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان شىركەتلەر بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى توختاتقان.

ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ئىقىمغا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەتچىلەر ھەر خىل ئۇسۇلدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بېلگىيە بېريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەسما گۈن ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتىنى باشلاتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىككى قېتىملىق پائالىيىتىنى خۇلاسىلىغاندا، بارغانسىرى تەسىر دائىرىسى كېڭيىپ ماڭغان.

ئەسما خانىم پائالىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز نورمال ۋەتەنداشمىز، دۆلەت باشلىقلىرىدەك چوڭ-چوڭ قارارلانى چىقىرىپ دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. لېكىن كېيىم-كېچەك ھەممىمىزنىڭ ھەر كۈنى ئېھتىياجى چۈشىدىغان نەرسىلەردۇر. كىيىم-كېچەك سېتىۋالغاندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ماركىلارنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەيمىز. ئەڭ مۇھىمى داڭلىق ماركىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىغا بەك دىققەت قىلىدۇ، شۇڭا ماركىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچە، ھەرىكىتىمىزنى داۋام قىلىمىز. شۇڭا بايقۇت قىلىش ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئەسما خانىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتايدا لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولىۋىيا ئېنوس خانىم ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل سۆزى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكالىقلار ياخشى كىشىلەر. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشلەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالنى بىلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سالىدۇ. مەن ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكچلىكىدە ئىككى پارتىيەنىڭ بىرلىشىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىشىنىڭ ياخشى باشلىنىشى دېيىلگەن.