ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىرىيام لېكسمان خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسنى ئەيىبلىدى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى تەتۈر تەشۋىقاتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختالدى ۋە بۇ ھەقتىكى تەھدىتنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇلارغا جىددىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
سىلوۋاكىيەلىك سىياسەتچى مىرىيام لېكسمان خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «خرىستىئان دېموكراتىك ھەرىكىتى پارتىيەسى» نىڭ ئەزاسى. ئۇ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېتىۋاتقان نوپۇزلۇق سىياسىيونلارنىڭ بىرى.
مۇخبىر: ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئەمما بىز ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق كونكرېت ھەرىكەتنى كۆرمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
مىرىيام لېكسمان: رەھمەت! شۇنداق، شۇنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىنتايىن ئاستا بولدى. دېمەكچىمەنكى، بىز بۇ مۇئامىلىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدۇق ھەمدە بىز بۇنىڭغا ماس كېيىنكى قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشىنى، يەنى بىز تەلەپ قىلغان قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ئەمما بەختكە قارشى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى يوق، شۇڭا بىزنىڭ ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ قانۇن تونۇشتۇرۇشىنى ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكاغا ئوخشاش ھالدا بىز بىر بەچچە ئاي ياكى بىر يىل ئىلگىرى تەلەپ قىلغان «پاختا چەكلەش بۇيرۇقى»، شۇنداقلا «ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش» قا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئوخشاش قانۇن رامكىلىرى ئارقىلىق ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت ئورۇنلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشىنى چەكلەشنى ئىستەيمىز. بىز ھازىر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەييارلاۋاتىمىز. كومىسسىيە يەنە «پاختا چەكلەش لايىھەسى» نى تونۇشتۇردى. بىز ھازىر ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ لايىھەگە قاراپ چىقىۋاتىمىز. ئەمما سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز تامامەن توغرا. دېمەكچىمەنكى، ئىنكاس بەك ئاستا بولۇپ قالدى.
مۇخبىر: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قىلىمشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويالايدىغان يەنە بىر قىسىم تەدبىرلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، پارلامېنتىڭلار ئېتىراپ قىلغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى توختىتىشقا كېرەكلىك باشقا تەدبىرلەر بارمۇ؟
مىرىيام لېكسمان: شۇنداق، ئەلۋەتتە، مەن تىلغا ئالغان بۇ ئىككى قانۇننىڭ ياردىمى بولىدۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى ئەمەس. ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن يوللىرىمۇ بار. دېمەكچىمەنكى، دىپلوماتىك سەۋىيەدە بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەمىشە تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، چېركاۋلارغا، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش، سىياسىي كۆز قارىشى ياكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ سودا شېرىكىمىز بولغان خىتايدا بۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا رامكىسىغا جىپسىلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ بىر بىرىگە باغلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەپسۇسكى، مەن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان پاراللېل ھالەتتىكى ئىككى نەرسە كەبى ئايرىم يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما يامان يېرى، بۇ بىر خاتا ئۇسۇل، چۈنكى بۇلار خەلقئارالىق قۇرۇلمىلارنىڭ ئىككى مۇھىم تۈۋرۈكى. ئەمما بۇ تۈۋرۈكلەر ئوخشاش قىممەت قاراش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. بىز باشقا ئەللەر بىلەن سودا قىلغاندا ياكى دىپلوماتىك ھەمكارلىق ئورناتقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇلارغا جىپسىلاشتۇرۇلۇشى ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: سىزگە كۆپ رەھمەت. ئۇنداقتا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە قاراپ ماڭماسلىقى كېرەك دېگىنىڭىزدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شۇلتزنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى دېمەكچىمۇ سىز؟
مىرىيام لېكسمان: مەن بۇ زىيارەتنى زىددىيەتلىك ۋە مەيدانىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان زىيارەت، دەپ قارايمەن. بۇ خىل زىيارەت ۋە بۇ خىل ئەھۋال بىز يوللايدىغان ئۇچۇرغا، بىز بىرلىككە كەلگەن شەرتلەرگە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئايرىم دۆلەت باشلىقلىرى ياكى ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشى توغرا ئەمەس، دەپ قارايمەن. بۇ خىل ئايرىملىق بىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈپىتىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۇنداق ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدە بىز ھەقىقەتەن بىر ئىتتىپاق سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى سىياسەت بەلگىلەش غايىسىگە زىت. دېمەكچىمەنكى، بىز ھازىر رۇسىيەگە قوللانغان قوش ئۆلچەمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. بىز خىتاي مەسىلىدە ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلالمايمىز.
مۇخبىر: بىز خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدا، گوللاندىيە، ئەنگلىيەدە، ئىش قىلىپ خېلى كۆپ جايلاردا بىر قىسىم ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقىنى كۆردۇق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا گېرمانىيە نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرىگە سەل قاراپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭچە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا تۇپرىقىدىكى بۇنداق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق ئىنكاسى قانداق بولۇشى كېرەك؟
مىرىيام لېكسمان: شۇنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ساقچىخانىلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئوقۇغاندا ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ، بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنلار، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزغانلىق. بۇ تېرىتورىيەمىزدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۈچىنچى دۆلەت بار دېگەنلىك. دېمەكچىمەنكى، بۇ، زېمىنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالمىدۇق، دېگەن گەپ. بىز ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ خەلقئارا شەرتنامە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە قىسمەن سوتقا قاتنىشىش ھوقۇقى، جىنايىتى دەلىللىنىشتىن ئىلگىرى گۇناھسىز، دەپ پەرەز قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويدۇق. شۇڭا، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
مەن يەنە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ مۈجمەل بولغانلىقىدىن ھەيران قالدىم. دېمەكچىمەنكى، ھازىر بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خىتاب قىلىپ، تەكشۈرۈش باشلىماقچى بولۇۋاتىمىز.
مۇخبىر: دېمەك، خىتاي سىز تىلغا ئالغاندەك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردە تەتۈر تەشۋىقات تاكتىكىسىنى ئىشلەتمەكتە. سىز ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى بىرەر تەدبىرنى ئالغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىغان بولسا، سىزنىڭچە قارشى تەدبىرلەر قانداق بولۇشى كېرەك؟
مىرىيام لېكسمان: شۇنى ئېيتالايمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن ئۇنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق، مەن بۇ مەسىلىنى بىز دۇچ كېلىدىغان ئارىلاشما تەھدىتلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز بۇ رىقابەتكە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈپىتىدە بىرلىكتە يۈزلىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئايرىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر ياقىلىق قىلىشىغا تاشلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ھازىر تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان بەزى ئومۇمىي قانۇنلارنى ئويلىشىۋاتىمىز. دېمەكچىمەنكى، بىزدە بۇ مەسىلىنى مەلۇم دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلالايدىغان «رەقەملىك مۇلازىمەت قانۇنى» ۋە «رەقەملىك بازار قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار بار. ئەمما ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ مەسىلىنى بىزنىڭ بەلگىلىمىلىرىمىز ئارقىلىقمۇ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، مۇتلەق مۇھىم بولغىنى ئاۋامنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى مەسىلىسىدۇر، چۈنكى بىز بۇنى پەقەت قانۇن ئارقىلىقلا ھەل قىلالمايمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇنىي، ئەمما بەزىلىرى بىز ئىشىنىدىغان يۇمشاق تەدبىرلەر. چۈنكى خەتەر بەك چوڭ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مۇخبىر: بىزگە ۋاقىت ئاجراتقىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت، كەلگۈسىدە يەنە پاراڭلىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
مىرىيام لېكسمان: ئەلۋەتتە.
ياۋروپا پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تولۇق ئېتىراپ قىلمىغان. ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە رايوننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى.