ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىسى دېڭ لىغا لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەن ئانىسىنىڭ فوتو-سۈرىتىنى كۆرسەتتى.
12-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى ئەنقەرەدىكى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتىدا «خىتاينىڭ ۋىرۇسقا قارشى رىقابىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.
مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى پروفېسسور، دوكتور مەمەت قافقازيالى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى، دىپلوماتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسىسلەرلەردىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
خىتاي ئەلچىسىنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا تۈركىيە رادىيو ۋە تېلېۋىزيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان مىركامىل قەشقەرلى خىتاي ئەلچىسىدىن ئىككى سوئال سورىغان. ئۇ ئىككىنچى سوئالىدا ئانىسىنىڭ 2019-يىلى لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى، بۇ خىل ئۆلۈملەرنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى سورغىنىدا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان مەمەت قافقازيالى ئەپەندى بۇنداق سوئاللارنى سوراشقا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ئەلچىسىنى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگۈزمىگەن. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىنىڭ خىتاي ئەلچىسىدىن سوئال سوراشنى توسقان پروفېسسور مەمەت قافقازيالى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىرىنچى سوئالىدا خىتاي ئەلچىسىگە جازا لاگېرلىرىنى قاچان ئېتىۋېتىسىلەر؟ دېدى، ئىككىنچى سوئالىدا ئانام لاگېردا ۋاپات بولدى، دېدى مەن بىرنەرسە دېمىدىم. بۇ جەرياندا يانچۇقىدىن فوتو-سۈرەت چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. نېمە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم، قېيىن بىر ئەھۋالدا قالدىم، ئۇنداق قىلماڭ، بۇ بولمىدى دېدىم. خىتاي ئەلچىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئۇ ۋاقىتتا سوئال سوراڭلار دەپ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈزمىدىم. باشقا ئادەمنىڭ سوئالىغا ئۆتۈپ كەتتۇق. مەن يىغىن باشلاشتىن بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن باشقا تېمىلاردا سوئال سوراشقا بولمايدۇ دېگەن ئىدىم.»
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازما يېزىپ تارقاتقان بولۇپ، تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. كۆپ ساندىكى تۈركلەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان پەيتتە مەمەت قافجازىيالىنىڭ ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىسىدىن سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگۈزمىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇلارنى ئوقۇغان پروفېسسور دوكتور مەمەت قافقازيالى ئەپەندى 13-فېۋرال كۈنى مىركامىل ئەپەندىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. مىركامىل ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى خىتاي ئەلچىسى دېڭ لىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا دىپلومات قاتناشقانلىقىنى، ۋۇ خەن ۋىرۇسى چىققاندىن كېيىن كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىر قانچە قېتىم خىتايغا زىيارەت ئېلىپ باردى.