مىرزەخمەت ئىلياسوغلى: «ئۇلارنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمايمەن!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پارچىلانغان ئائىلىلەر كرىزىسى شەكىللەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغان تەشۋىقاتلارغا ئالدانماي خالىغان ۋاقتىدا ۋەتىنىگە قايتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

مىرزەخمەت ئىلياسوغلى غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2007-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۈركىيەگە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كىيىن تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن.

مىرزەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئىنىسى، ھەدىسىنىڭ يولدىشى ۋە تۆت ساۋاقدىشى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

Mirzexmet-Ilyasoghli-Tuqqan-Sawaqdashliri.jpg
مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندىمنىڭ خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىنىسى، كۈيئوغلى، ۋە ساۋاقداشلىرى.

مىرزەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئىنىسى خالمەمەت ئىلياس 2014-يىلى ئۈچ ئايلىق تۇغقان يوقلاش ۋىزىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۈچ ئايدىن كىيىن قايتىپ كەتكەن.

2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كۆلەملىشىشىگە ئەگىشىپ چەت ئەلگە چىققان ئۇيغۇرلار ئومۇمىييۈزلۈك زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.

خالمەمەت ئىلياس 2017-يىلى 3-ئايدا تۈركىيەگە بارغانلىقى سەۋەبلىك يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن. خالمەمەت ئىلياس يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەندە قىزى بىر يېرىم ياشتا، ئوغلى تۆت يېرىم ياشتا بولۇپ، تا ھازىرغىچە خالمەمەت ئىلياس ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىغان. 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ۋە ئائىلىسىگە خالمەمەت ئىلياسنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىم ئىنىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. مىرزەخمەت ئىلياسئوغلىنىڭ ھەدىسىنىڭ يولدىشى ئابدۇراخمان قۇربانمۇ 2017-يىلى 3-ئايدا يىغىلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، مىرزەخمەت ئەپەندىم ئىنىسى ۋە كۈيئوغلىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۈگۈنگىچە ئائىلىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىم يەنە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان ئىككى جۈپ ئەر-ئايال ساۋاقدىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتتىن قاتتىق قايغۇرماقتا.

2017-يىلى 6-ئايدا مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندىمنىڭ ئەر-ئايال تۆت ساۋاقدىشى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان بولۇپ، مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندىنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىچە ئابدۇلىتىپ ئابدۇمۈلۈك، سەئىدە مەمەت، ئابدۇۋەلى مىجىت، ۋە ئايگۈل ئېلى قاتارلىق ئىككى جۈپ ئەر ئايال چەت ئەلدە ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك 15 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان مىرزەخمەت ئەپەندىمنىڭ تۆت ساۋاقدىشى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۈركىيەگە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە زىيالىيلار ئىكەن.

مىرزەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك تارىخى يوق بولۇپ، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا خىتاينىڭ سىياسىي سۈيىقەستىنىڭ قۇربانى قىلىنغانلىقى ئېيتىلماقتا.

مىرزەخمەت ئەپەندىم 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئەلچىخانىسى، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ساۋاقداشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق نەتىجە ئالالمىغان.

مىرزەخمەت ئەپەندىم، بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىگەنلىكى سەۋەبلىك سەپداشلىرى بىلەن بىللە تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى باشلىغان.

Mirzexmet-Ilyasoghli-Namayish-202104.jpg
مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندىم سەپداشلىرى بىلەن بىرگە باشلىغان تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىدە سۆزدە. 2021-يىلى.

«مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم مىرزەخمەت ئەپەندىمنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئېلىپ بېرىلىشىدىكى رولىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىرزەخمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمايمەن. بىز بۇ يولغا قەسەم قىلىپ چىقتۇق. ئۇلار قۇتۇلماي تۇرۇپ جېنىمىز تىنىمىزدىلا بولىدىكەن، بۇ يولدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.»

«مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتى مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى، جەۋلان شىرمەمەت، مەدىنە نازىمى قاتارلىق لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلانغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كەڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە.