مىشېل باچېلېت ئېغىر سىناققا، مۈشكۈل ئىمتاھانغا دۇچ كەلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھەر مىللەت خەلقى» مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ يوللاپ، «ئامېرىكا ھەم غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە تۆھمەتلىرىگە غەزەپلىرىنى بىلدۈرگەن.»

خىتاي خەلقارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى پورتىگالچە ئاڭلىتىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا «ھەر مىللەت خەلقى» نىڭ مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ يوللاش سەپەرۋەرلىكى قوزغالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھەر مىللەت خەلقى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا بەس - بەستە مەكتۇپلار يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ھەم غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە تۆھمەتلىرىگە بولغان غەزەپ - نەپرەتلىرىنى بىلدۈرگەن». ئۇلار خەتلىرىدە مىشېل باچېلېتتىن «ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشىنى، پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل باھالاشنى» تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسارىغا مەكتۇپ يوللىدى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقى» نىڭ مىشېل باچېلېتقا يوللىغان مەكتۇپلىرىدا «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى شەرھىيىلەپ بەرگەن». بەزىلىرى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىنكى بەختىيار ھاياتىنى تەسۋىرلەپ، قايتا تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، ياتاق ۋە تاماقنىڭ ھەقسىزلىقىنى، ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان بۇ مەكتۇپلاردا يەنە «شىنجاڭدا دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قانۇن بويىچە كاپالەتكلە ئىگە ئىكەنلىكى، بارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى» مۇ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەكتۇپتا «بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرى مىشېل باچېلېت شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندا، رايوندىكى ھەر ساھە كىشىلەر بىلەن كەڭ ۋە چۇڭقۇر سۆھبەتلەشتى ھەمدە رايوننىڭ تېنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى،» دېيىلگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرى خىتايدىكى ئاتالمىش «923 ئاممىۋى تەشكىلات» بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتنى «ساختا ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان گۇۋاھلىقلىرى بىلەن تولغان» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانغا يەنە 21 كۈن ۋاقىت قالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھەر مىللەت خەلقى» نى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ ئەۋەتكۈزۈشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ بۇنچە كۆپ ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقى» نى سەپەرۋەر قىلىپ، مىشېل باچېلېتقا بۇنچە جىددىي مەكتۇپ يوللاتقۇزىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بۇنچە جىددىي تىپىرلىشىغا «مىشېل باچېلېت ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارانىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىپ قالارمۇ؟» دەيدىغان بىر ئەندىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە مىشېل باچېلېتنىڭ ئاز دېگەندە 4 چوڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى جىددىي ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ب د ت دىكى قارا قولىنى دەرھال كېسىپ تاشلاش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر دوكلاتنى ب د ت نىڭ ئالدىمىزدىكى بىرقانچە كۈنلەردە ئېلان قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن خىتاينىڭ خەۋىرى بولغاچ، خىتاينىڭ غەرىزىنىڭ دوكلاتتا يەر ئالغان مەزمۇنلارنى جىددىي ئىنكار قىلىش بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەرۋەقە، خەلقئارا مەتبۇئاتلار مىشېل باچېلېتنىڭ ئېغىر سىناققا، مۈشكۈل بىر ئىمتاھانغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆپلەپ تىلغا ئېلىشماقتا. مىشېل باچېلېت 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى يا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇلغانغان ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇكەن، ياكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كەلگۈسى ۋارىسلىرىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، بىر تارىخى قارا داغنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يۈدۈپ ياشايدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسى چىقىدىغانغا پەقەتلا 3 ھەپتە ۋاقىت قالغان.