خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مىسىردىن غايىب بولغان ئېلياسجان راخماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەققىدە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئېلياسجان راخمان، مىسىردا 2017-يىلى ئىيۇندا تۇتۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ لاگېرغا قامالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 200 دىن ئارتۇق غايىب ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىر ئاياغ ئىدى. ئېلياسجاننىڭ ئايالى مېھرىنىسا ئابدۇغېنى ئىككى بالىسىنى نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئاتىسىز چوڭ قىلماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئېلياسجان راخماننىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ھەققىدىكى جىددىي چاقىرىقىدا، «ئىككى يىل ئاۋۋال مىسىردا غايىب قىلىنغان ئېلياسنىڭ ئائىلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

2017-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا مىسىردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تەقدىرىگە ئالاقىدار ئېنىقسىز مەسىلىلەر، بۇ غايىب تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 8-ئۆكتەبىر چاقىرىق ئېلان قىلىپ شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا غايىب بولغان ئېلياسجان راخماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى، مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنىڭ ھېلىھەم خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانلىقى، دەل شۇ مەزگىلدە مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئېلياسجاننىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بولسا ئېلياسجان مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلدى ۋەياكى لاگېرغا قامالدى دەپ قارايدىغانلىقى ھە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا مىسىر دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئامانلىق خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن ئاۋۋال قاھىرە، كېيىن پۈتۈن مىسىردا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىسىردا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇلار رەڭ بويىچە، يەشىل، سېرىق، قىزىل دەپ ئۈچ چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، بۇلاردىن ئاخىرقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلياسجان راخمان ئەنە شۇ غايىب ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېلياسجان راخماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەققىدىكى جىددىي چاقىرىقىدا شۇ چاغدا مىسىردا تۇتۇلغانلاردىن 16 سىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ۋە ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى يېزىلغان.

ئەسكەرتىلىشىچە، ئېلياسجاننىڭ ئايالى مېھرىنىسا ئابدۇغېنى يولدىشى تۇتۇلغاندا، ئىككىنچى قىزىغا ئېغىر ئاياغ ھالدا بولۇپ، ئېلياسجاننىڭ ئىككىنچى قىزى ئۇ تۇتقۇندىكى چاغدا تۇغۇلغان. مانا شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېلياسجان بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىگە ئىككى يىلدىن ئاشقان. ئەمما ئېلياسجاننىڭ ئايالى بىر كۈنمۇ ئېرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان. ئۆزىنىڭ ئېلياسجاننىڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن مېھرىنىسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا «بالىلىرىمىز ئاتىسىغا موھتاج، مەن ئېرىمنىڭ ھامان قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمنى ھەرگىز يوقاتمايمەن.» دېگەن.

ئىلگىرى ئېلياسجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ھەققىدە ئىگىلەپ تارقاتقان خەۋىرىمىزدە ئېلياسجان، ئەينى پەيتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلىپ تۇتقۇن بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزى، ئىككىنچى قىزىغا 6 ئايلىق ھامىلىدار ئايالىنى تۈركىيەگە يولغا سالغانلىقى، ئارقىدىن ئۆزى تۈركىيەگە مېڭىشتا ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغانىدى.

ئاخىرقى قېتىم 2017‏-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا مېھرىنىساغا ئېلياسجاندىن تېلېفون كېلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 16 بالىنىڭ قاتارىدا قىزىل گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكىنى، قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنى باشتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ «قىزىل گۇرۇپپىدىكىلەرنى خىتاينىڭ ئۇلار تېررورچى دېگەن ئۇچۇرى بىلەن تۇتقان بولساقمۇ، سىلەرنى خاتا تۇتۇپ قاپتۇق، ئەسلى بىگۇناھ ئىكەنسىلەر، پەقەت تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىمىز» دېگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن.

تۇرا تۈرمىسىدىن قىلىنغان شۇ قېتىملىق تېلېفوندىن كېيىن، ئېلياسجاننىڭ ئايالى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. مېھرىنىسا ھازىر ئىككى قىزى بىلەن تۈركىيەدە ياشىماقتا.

ئېلياسجان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئايال ۋە بالىلىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىلياس بىلەن بىر مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب بولغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇختەر روزىنىڭ ئايالى بۇمەريەم، ئۆزىنىڭ ئېلياسنىڭ ئايالى مېھرىنىساغا ئوخشاش، مىسىر تۇتقۇنىدا ئەرلىرى غايىب بولغان 5 ھەمشىرىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، ئارزۇ ئارمانلىرى ئوخشاشلىقى سەۋەبلىك، بىر بىرىگە غەمگۈزار قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلەردە ھەر جەھەتتىن بىرى بىرىنى قوللاپ ياردەم كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مىسىردىكى تۇتقۇندا ئەرلىرى غايىب بولغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ، جاپا چېكىۋاتقان بولسىمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي ئەرلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان 5 نەپەر ھەمشىرىگە ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېلياسجاننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەققىدە جىددىي چاقىرىق قىلىشى ھەممىمىزگە ئۈمىد بېغىشلىدى، بىز ئەرلىرىمىز، شۇنداقلا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئىزدەشنى، ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشنى توختاتمايمىز، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىنى سورايمىز» دېدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. باياناتتا، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا چۈشەنچە بېرىشى، ئەگەر بۇ، خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك توغرا بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىققا، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرىلغان.