مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.07.26
مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى دوكلات ئېلان قىلىندى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى توربېتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مىسىر دوكلاتى» نىڭ ئېلاننى.
Oqurmen teminligen

مىسىردىكى ئۇيغۇرلار 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسا، مىسىر تەرەپ يەنە 2017-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەل ئەزھەر قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە قاھىرەدىكى 7-رايوننى مەركەز قىلغان جايلاردىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇپ تۇتقانىدى. مەزكۇر تۇتقۇنغا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭمۇ ھەمكارلاشقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا خىتاي ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ساقچى خادىملارنىڭ سوراققا تارتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.

ئەينى چاغدىكى تۇتۇش دولقۇنىدا تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىرقىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 16 ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

مىسىر تۇتقۇنى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىردىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە 15 يىلدىن ئۇزۇن قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ھەتتا بەزىلىرىنىڭ لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلىكىدەك پاجىئەلەرمۇ مەلۇم بولدى. بۇ ۋەقەدە تۇتقۇنغا ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن ئەرلەر ئىدى. مىسىردىن 3-ئەللەرگە قېچىپ بارالىغان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە مىسىردىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مىسىر دائىرىلىرىدىن بۇ پاجىئەدە ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ خىتاي ۋە مىسىرنىڭ بۇ ۋەقەدىكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى ھازىرغا قەدەر مەيلى خىتاي دائىرىلىرى بولسۇن ياكى مىسىردا ھاكىمىيىتى بولسۇن شۇ ۋەقەدە قانچىلىك بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاۋاب بەرمەي كەلمەكتە.

مەزكۇر ۋەقەگە 4 يىل بولغان خاتىرە كۈنلەردە، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مىسىر دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان.

بىز بۇ دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلاردىن، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىدىن ئىزباسارنى زىيارەت قىلدۇق.

نۇرىدىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ تۇتۇش قىلغان بولۇپ، دوكلات 2017-يىلى يازدا قاھىرەدە تۇتقۇن يۈز بەرگەن ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ ئۈلگۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەرلىرى مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم ئاياللار بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا تەييارلانغانىكەن.

بۇ دوكلاتقا ئەينى ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى، سۈرەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئاخىرىدا يەنە خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدە خىتاينىڭ ۋە ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتنىڭ تۈركچىسى ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان بولۇپ يېقىندا يەنە ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ھەمدە ئىنگلىزچە تارقىتىلىدىكەن.

ئىلگىرى مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەتكۈزگەن مەلۇماتلاردا مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل دېگەن ئۈچ رەڭ بويىچە كاتېگورىيەگە ئايرىلغانلىقى، بۇلاردىن قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2017-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئوخشاش مەلۇماتلار ئاشكارىلانغانىدى.

مەزكۇر دوكلاتتىكى مىسىر تۇرا تۈرمىسى ۋە باشقا تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ھەققىدە 1-قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاساسلىق گۇۋاھچىلاردىن بىرى، يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 3-ئىيۇلدا، مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاھىرەدە كوچىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان 3 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە قامالغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ داڭلىق تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 24 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مىسىر ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇ ۋەقەنىڭ باش ئاخىرىغا شاھىت بولغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىگۇناھ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىغان دوست ھەمدە ساۋاقداشلىرى ۋە بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىسىر ۋەقەسى بولۇپ 4 يىلدىن كېيىن بۇ دوكلات چىقتى. بۇنىڭدىن سۆيۈندۈم، ئەسلىدە بۇ ھەقتە خېلى بۇرۇنلا مەخسۇس دوكلات تەييارلىنىشى زۆرۈر ئىدى، ئەمما مىسىر ۋەقەسىنىڭ شاھىتلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار بىز ھەممىمىز كىچىك ئىدۇق، قورقۇپ كەتكەن ۋە ۋەزىيەتتىنمۇ ئېنىق خەۋەردار ئەمەس ئىدۇق. دوكلاتتىكى ئىسپاتلارنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى، مىسىر ۋەقەسىنىڭ ئادالەتلىك سۈرۈشتە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مىسىردا، 2017‏-يىلى 7‏-ئايدا يۈز بەرگەن شۇ ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ۋەقەدىن ئىككى يىل كېيىن، 2019-يىلى 26-ئاۋغۇستتا مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىكى باياناتتا، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا چۈشەنچە بېرىشى، ئەگەر بۇ، خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك توغرا بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىققا، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرىلغان.

مىسىردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولىنى چەتئەللەرگىچە سوزۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر جانلىق دەلىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە خەلقئارالىق جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.