قەشقەردە ئوغلىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئاتا‏-ئانا 5 ۋە 8 يىللىقتىن كېسىلگەن

0:00 / 0:00

ئاشكارىلىنىشىچە، دەۋرنىڭ قىسمەتلىرى سەۋەبىدىن باشلانغۇچتىن يۇقىرى ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن شوپۇر ئەزىز ناسىر بىلەن ئائىلە ئايالى ئامىنە ئابدۇلباقى ھاياتىدىكى بۇ ھەسرەتكە شىپا تېپىش ئۈچۈن 17 ياشلىق ئوغلى ئابدۇخالىق ئەزىزنى شەخسىي خىراجىتى بىلەن مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ قارارى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ چىقىمدار بولۇپ كېتىش خەۋپىنى ئويلىغان، ئوغلى بىلەن بىرقانچە يىللاپ كۆرۈشەلمەي قېلىش قىيىنچىلىقىنى تەخمىن قىلغان، ئەمما ئاخىرىدا ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ 5 ۋە 8 يىللىقتىن كېسىۋېتىلىش قىسمىتىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇخالىق ئەزىزنىڭ بۇ گۇۋاھلىق باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 55 ياشلارغا كىرگەن ۋە 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەزىز ناسىر ئۇزۇن مەزگىل قەشقەر شەھەرلىك خەلق باغچىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى باشلانغۇچتىن يۇقىرى ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگىنى ئۈچۈن كۆپ ھەسرەت چەككەن ئەزىز ناسىر بىلەن ئامىنە ئابدۇلباقى 20 يىلچە تاپقان-تەرگەنلىرىنى دەسمايە قىلىپ 2015‏-يىلى ئوغلى ئابدۇخالىق ئەزىزنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئابدۇخالىق مىسىردا كۆرگەنلىرى ۋە مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئائىلىسىگە سۆزلەپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىغا زور ئۈمىدلەرنى بېغىشلاپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇت دادىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھەرلىك خەلق باغچىسىنىڭ ئىشخانا خادىمى دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ناسىر ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شوپۇر ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى، ئەمما ئارقىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن بۇ ئىدارىدە ئەزىز ناسىر دەپ بىر خىزمەتچىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىدارىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان خىزمەتچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ تۇتقۇندا بىر كىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بۇ ئىدارىنىڭ ئامانلىق خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇنغا يېڭى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شوپۇر ئەزىز ناسىرنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇخالىق دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا ئاپىسىنىڭمۇ تېلېفونى ئازلاشقا باشلىغان. ئارىدا قىسقا بىر مەزگىل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ تەكرار باغلانغان. 2017‏-يىلى 4-ئايدا ئاپىسى ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈندىداردا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بەش جانلىق بۇ ئائىلىنىڭ بالىسىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇۋاتقانلىق خۇشاللىقى قاباھەتلىك بىر چۈشكە ئايلانغان. 3 يىلغىچە ئاتا‏-ئانىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن ئابدۇخالىق ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەلۇم يۇرتداشلىرى ئارقىلىق ئاپىسىنىڭ 6 يىل كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئالغان. ئەمما ئۇ يۇرتدىشى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تېخىچە غايىب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، قانۇنىي ئەھۋالى (سالاھىيىتى) ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى خەلق باغچىسىنىڭ شوپۇرى ئەزىز ناسىرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىنى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئەزىز ناسىرنىڭ دۆلەتباغ يېزا 10 ‏-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ شۇ يېزىدىكى قانۇنىي ئىشلارغا ئالاقىدار خادىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ قانۇنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى نۆۋەتتە ئەزىز ناسىرنىڭ مارالبېشى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەزىز ناسىر 3 يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 ئاي قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ خادىمنىڭ يەنە دەلىللىشىچە، ئەزىز ناسىرنىڭ ئايالى ئامىنە ئابدۇلباقى 5 يىللىق كېسىلگەن. نۆۋەتتە ئۇ ئاتۇشتىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئەزىز ناسىر بىلەن ئامىنە ئابدۇلباقىنىڭ ئوغلىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇخالىق ئەزىزمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ۋە پۇل سالغانلىقىدىن باشقا «گۇناھى» نىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا غۇلجادا تاكسىم سودا سارىيىنىڭ خوجايىنى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئوغلىنى تۈركىيەدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن «دۆلەت مائارىپىنى كەمسىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتلانغانلىقى ۋە سوت ھۆكۈمىنىڭ 3 ئاي كېيىنگە قالدۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.