MIT خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن

0:00 / 0:00

«ۋاشىنگتون ئەركىنلىك تۇراسى» (The Washington Free Beacon) تورىدا 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «MIT خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدىغان تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قانداق ياردەم بەردى» سەرلەۋھىلىك ماقالە كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (MIT) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم جازا چەكلىمىسى قويۇلغان خىتاي شىركىتى- شاڭتاڭ (SenseTime) نىڭ ئىئانە قىلغان پۇلى بىلەن چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ چىراي تونۇش تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان شاڭتاڭ (SenseTime) 2018-يىلى ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا مەخپىي پۇل ئىئانە قىلغان. بۇ پۇلنىڭ ياردىمى بىلەن يېزىلغان 22 پارچە ماقالىنىڭ 20 سى چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك «نېرۋا تورى» غا ئالاقىدار ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى توماس مەككېنا (Thomas McKenna) ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:« 2019-يىلى شاڭتاڭ شىركىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىندى. 2021-يىلى يەنە قارا تىزىملىككە ئېلىندى، لېكىن MIT ئۇلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەيلا قالماستىن بەلكى شاڭتاڭ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب-نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقان چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي نېرۋا تورىغا ئالاقىدار تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇردى.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» شاڭتاڭ شىركىتىنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب-نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە 2019-يىلى مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، شۇ يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئالغان. 2021-يىلى بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ شىركەتكە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2019-يىلى شاڭتاڭ شىركىتى قارا تىزىملىككە ئېلىنغاندىن تارتىپ 2021-يىل جازا چەكلىمىسى قويۇلغۇچە ئۇ شىركەتنىڭ پۇلى بىلەن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھەربىي تەرەپ تاپشۇرغان تەتقىقات تۈرلىرىگە مەسئۇل جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر تەتقىقاتچىسىمۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە «سۈنئىي نېرۋا تورى» ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.

توماس مەككېنا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «MIT نىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر شىركەت بىلەن تېخىچە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما مېنىڭچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن. شۇڭا ئۇلار خىتاي شىركەتلىرى، ھەتتا خىتاي ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى داۋام قىلغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە ياردەم قىلىپلا قالماستىن بەلكى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچلەندۈرۈشىگە ياردەم قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

نازارەت سىستېمىسى تەتقىقات شىركىتى IPVM نىڭ ئانالىزچىسى چارلىز روللېت ئەپەندى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە «دېموكراتىيە ۋە ئىرقىي باراۋەرلىك» نى ئۆزىگە شوئار قىلىۋالغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە شىركەتلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا ئوبدان ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ خىل يۇمشاق دېتاللار شۇ ئورگانلارنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خېتىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتايغا ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى، بولۇپمۇ MIT غا ئوخشاش خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بىۋاسىتە كونترول قىلمايدۇ. 2018-يىلى ، SenseTime بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىمزالانغان ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ خىل نازارەت قىلىش شىركەتلىرىگە تېخى جازا يۈرگۈزۈلمىگەن، بۇ خىل شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىرەر كۆرسەتمىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئورگانلار ئاسانلا بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئەخلاق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خەۋپىگە سەل قاراپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرمۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىتايدا نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئانچە ئويلاشمىغان. ئېنىقكى، MIT بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ئىمزالىغان ھەر قانداق ھەمكارلىقنىڭ ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى بولۇشى كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭچە بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى MIT غا ئوخشاش ئورگانلارنى ئويغاتتى.»

توماس مەككېنا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر ماقالىنى يېزىش جەريانىدا MIT بىلەن ئالاقىلاشقان. ئۇلار SenseTime شىركىتىدىن ئالغان پۇلنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى، باشقا ھېچقانداق يېڭى تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلەتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان. بىز MIT نىڭ مەزكۇر تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار يازغان ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

توماس مەككېنا ئەپەندى ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مايك گاللاگېرغا ئوخشاش قانۇن تۈزگۈچىلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈشىگە ۋە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىۋاتقان بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى. خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى تېخنولوگىيە ئوغرىلىقى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش توغرىلىق يېقىندىن بۇيان بىر قانچە قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكادىكى مەكتەپلەرنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىدىن مەبلەغ قوبۇل قىلىش ياكى ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. يەنى نۆۋەتتە قانۇن تۈزگۈچىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەمكارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلشلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 9-ئاۋغۇست كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكالىقلارنى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىشتىن چەكلىگەن. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان باشقا مەكتەپ ۋە شىركەتلەرنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.