تۈركىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «مودا سەنئەت» ژۇرنىلى نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىق ئالاھىدە سانىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئالاھىدە ساندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشقا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭمۇ ئەسەرلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
تۈركىيەنىڭ ئالانيا شەھىرىدە نەشىردىن چىقىدىغان «مودا سەنئەت» ژۇرنىلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي خىزمەتلەرنى قېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈركىيەگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.
بۇ سان ژۇرنالغا پەرھات تۇرسۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئەركىن تۇنىياز، ئابدۇسالام شاھىپ نۇربەگ قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقا، سەرۋى، مەردان ئەھەتئەلى، ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
«مودا سەنئەت» ژورنىلىرىنىڭ باشلىقى ئارسلان بايىر ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز 75-سانىمىزنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىغىشلىدۇق. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى مەۋجۇت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز تۈرك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بىراق بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى يېتەرلىك دەپ قارىمايمىز. بۇندىن كېيىن باشقا ئەدەبىيات-سەنئەت ژۇرناللىرىمۇ بۇ خىل ئالاھىدە سانلارنى چىقارسا دەپ ئۈمىد قىلىمىز.»
«مودا سەنئەت» ژۇرنىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان بۇ ئالاھىدە سانىنىڭ مۇقاۋاسىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مېھرئاي ئەركىننىڭ رەسىمى قويۇلغان. مېھرئاي ئەركىن ياپونىيەدىكى نارا پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. مەزكۇر ساننىڭ چىقىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىدىن ژۇرنالىست ۋە ئوبزورچى ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىرقىدەك شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز چەكلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى نادىر ئەسەرلىرىمىز يوق قىلىنىۋاتقان، مىللىتىمىز پۈتۈنلەي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي مەدىيىتىمىزنى قوغداش، ساقلاپ قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش خەلقىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇتۇش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك دۇنياسىغا شېئىرى تىللار بىلەن شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئىنسانلارغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ قېتىم ‹مودا سەنئەت› ژۇرنىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ساننى روياپقا چىقاردۇق.»
ئىلىم ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىنىڭ مىللىي روھ ۋە ئۈمىدۋارلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئېغىر زەربە بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.