«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» : 72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانا لاگېردا

0:00 / 0:00

30-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» 72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانىنىڭ غۇلجىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق فىلىمى تارقاتتى.

فىلىمدا گېرمانىيەدىكى ئادىلە غېنى قاتارلىق ئۈچ ئاچا-سىڭىل گۇۋاھلىق بېرىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىگە جايلاشقان باھار كوچىسى 28-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق 72 ياشلىق مومىسى شەمشىقەمەر خانىمنىڭ 2018-يىلى 1-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار ئۆز گۇۋاھلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 70 ياشتىن ھالقىغان مومىسىنى نېمە ئۈچۈن لاگېرغا قامىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» ناملىق مەزكۇر ئورگان 2017-يىلدىن بۇيان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان «نامسىز ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى تىزىملاش» خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر ئورگان 2019-يىلى 8-ئايغا قەدەر 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ بولغان. بۇ ئورگان يەنە بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن چەتئەللەردىكى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بۇ ئورگانغا لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تەقدىم قىلغان. 72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق فىلىمى دەل ئاشۇ خىل ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئۆلچەملىك قىسقا گۇۋاھلىق فىلىملىرىدىن بىرى ئىكەن.

رادىيومىز بەختىيار ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ غۇلجىدىكى مەلۇم بىر لاگېرغا قامالغان شەمشىقەمەر ئابلىز خانىم ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تۇتۇش قىلدى. شەمشىقەمەر ئانىنىڭ ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان نەۋرە قىزى ئادىلە غېنى بىلەن قىزى پاتىمە خانىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن شەمشىقەمەر ئانا ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى تېلېفون ئالاقىسى 2017-يىل 4-ئايدىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان. كېيىن ئۇلار قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىكى تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شەمشىقەمەر ئانىنىڭ 2017-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2018-يىلنىڭ باشلىرىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

شەمشىقەمەر ئانىنىڭ قىزى پاتىمە ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز ئۆيىدە تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مومىسى شەمشىقەمەر ئانا مىجەزى مۇلايىم، سىرتتىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئاز بولغان بىر ئائىلە ئايالى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەمشىقەمەر ئانا چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن 2017-يىلى 4-ئايغىچە نورمال تېلېفون ئالاقىسى قىلىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەمشىقەمەر ئانا بىلەن قىلغان ئىلگىرىكى بۇ تېلېفون ئالاقىسىنىڭ بەلكىم ئۇنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە غۇلجانىڭ قارىدۆڭ مەھەللىسىگە قاراشلىق باھار كوچىسى 28-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق شەمشىقەمەر ئابلىز خانىم بۇ مەھەللىگە كېلىن بولۇپ كىرگەن 50 يىلدىن بۇيان قارىدۆڭ مەھەللىسىنىڭ تۆۋىنىدىكى تۆپىچى مەھەللىسى ۋە پاتمىچۇق مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىككۈچىلىك ھۈنىرى بىلەن تونۇلغان ئىكەن.

بىز شەمشىقەمەر ئابلىز خانىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيە قارىدۆڭ مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ 2-رايون دەپ ئاتىلىدىغان جايىدىكى بىرقانچە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما قارىدۆڭ مەھەللە كومىتېتى ۋە ساقچىخانىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى. شەمشىقەمەر خانىم ئولتۇرۇشلۇق باھار كوچىسى تۆپىچى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋابسىز قالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.