تەتقىقاتچىلار ئىسلام دىنىدا «بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر ئەزاسى» دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، «5-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بۇنى ئۇنتۇپ خىتايدىكى مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ «رەھبەرلەر» شى جىنپىڭنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى سىياسىتىگە قارىماي، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «5-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» يېقىندا رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك خىتاي بىلەن دوستانە ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بولغان. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇ يىغىن ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە مىليون كىشى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سۇلانغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى بولۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) «بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى.
«بۇ بىر يىغىلىش. ئېنىقكى، بۇ ئالاھىدە يىغىنغا بىر قاتار ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشقان. بۇ يىغىنغا ‹مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى› دەپ ئىسىم قويغان. ئۇنداقتا بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى ‹مۆتىدىل› دېگەن ئۇقۇم دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن باراۋەر. يەنى بۇ ‹مۆتىدىل› دېگەن ئۇقۇم بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. سىز بۇنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دائىم كىشىلەرنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن كۆرەلەيسىز. شۇڭا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان رادىكال ئۇقۇمىغا ماس كەلمەيدىغان ئىسلام تەپەككۇرى، ئىبادەت ياكى ئېتىقادىنى بەلگىلىدى. يەنى ئىسلامنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىغىنغا ‹مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى› دەپ ئىسىم قويغان».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى بىردەك «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. بىر نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلار 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان تۈرلۈك باغلىنىشى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭ تۈپكى خاراكتېرىنى چىقىش قىلغان ھالدا بۇنى «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلىپ، بەزى جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
تەتقىقاتچى كەيىت فىتىز گىبون (Kate Fitz Gibbon) يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار قىرغىنچىلىقى: خىتايدا كېيىنكى ۋاقىتتا تۈزۈلگەن قانۇنلار، ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى جىنايەتكە ئايلاندۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزگەن. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە قارشى جىنايەتلەرنى تىلغا ئالغان ھەمدە بۇ ۋەكىللەرنىڭ مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنىڭ كۈلكىلىك ۋە ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» غا پۇتىنغا سادىق رۇسىيە «دۆلەت مۇپتىلىرى» ئاكتىپ قاتناشقان. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا خىتاي كومپارتىيەسى تەيىنلىگەن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن تەشكىل تاپقان. يىغىندا ئۇكرائىنادىكى «بۆلگۈنچىلىك» تەنقىد قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋە رۇسىيەدىكى چېچەنلەر «كونترول قىلىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپىلار» سۈپىتىدە ئالاھىدە زەربە بېرىش نىشانى قىلىنغان.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تەيىنلىگەن ۋەكىللەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە ئىسلام دىنىغا جەڭ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە «مۆتىدىل ئىسلام» ئۇقۇمىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كەيىت فىتىز گىبوننىڭ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ‹مۇسۇلمان رەھبەرلەر› خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارىماي، ئاساسلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى مۇزاكىرىلەشكەن، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ پەلەستىن سىياسىتىنى ماختىغان».
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى «بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مۆتىدىل ئىسلام پىكىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاقلاش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشنى كۆزلەۋاتىدۇ» دېدى.
ئاخىرىدا دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بىردەك ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ بەزى جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى سادىر قىلغان ھەر بىر جىنايەت ئۈچۈن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.