مۇئاۋىن مىنىستىر سىلۋېرس: ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلار ھەمىشە يالغان گەپ قىلىدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2024.03.22
Silver-hls ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەت كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى مارت، ۋاشىنگتون
RFA/Sintash

— مۇئاۋىن مىنىستىر سىلۋىرس، بۈگۈنكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

— رەھمەت ئالىم

— سىز يېقىندا شىمالى ۋېرجىنىيەدىكى  ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىڭىز. سىزنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىڭىز نېمە بولدى؟

— ۋىرجىنىيەدىكى فايىرفاكىستا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن، ئۇ يەرگە مەشەدىن 45 مىنۇت ماشىنا ھەيدىسىلا بارغىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشۈمنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولدى ھەم مېنى بەك ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەندىشىلىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتىم. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش كېرەك ۋە قوغدىشىمىزغا موھتاج دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرى سۆزلىنىشى كېرەك، چۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدەك كۈچلەر ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشنى خالىمايدۇ؛ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى باستۇرىدۇ، تازىلاپ يوقىتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

— دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن زور ئىش. ئانا ۋەتەن  خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداۋاتىدۇ؟

— بىز ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇنى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا، پىكىر ۋە دىنىي ئەركىنلىكىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىغان مەسىلە دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋامنى ھەر خىل يوللار بىلەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشتىن قوغداۋاتىمىز. مەسىلەن ئۆتكەن يىلى بىز ئاجىز ئورۇندىكى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تور بىخەتەرلىكى پىروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. ئۇيغۇر جامائىتىگە ئوخشاش ئاجىز ئورۇندىكى جامائەت كېلىپ ئۆزلىرىنى تور ھۇجۇملىرىدىن قانداق ساقلاش، مەسىلەن تېلېفونىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ رەقەملىك نازارەت قىلىۋاتقان چەت ئەلدىكى ھۆكۈمەتتىن ئۆزىنى ساقلاش دېگەندەك ئىشلار توغرۇلۇق ھەقسىز مەسلىھەت ئالالايدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى شەخسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا كۆپ تايىنىمىز. بىز خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىسى، شۇڭا ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ تۇرىمىز. بىزنىڭ سۈيلىشىمىز بىلەن خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتى نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىسلاھاتلارنى قىلدى، لېكىن قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار.

— سىز ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياردەم سورىسا ۋە پايدىلانسا بولىدىغان تور بىخەتەرلىك پىروگراممىسى توغرىلىق سۆزلىدىڭىز. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بىز خىتاي خادىملىرىنىڭ ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى، ئائىلە ئەزالىرىنى قاماققا ئالغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە خىتاي ئىشپىيونلىرىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئىشپىيونلىرىنىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز ھازىر يەنە داڭلىق ئۇيغۇر لىدېرلىرى ۋە قانۇنلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قانداق قوغداش تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

— ئەگەر ھەر قانداق ئادەم قانۇنسىز ھالدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئارىلاشقان بولسا،  بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە بارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى توسىمىز ۋە ئاجىز ئورۇندىكى جامائەتلەرنى قوغدايمىز. ئەگەر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ خادىمى ۋىزا چەكلىمىلىرىگە قارشى شۇنداق ئىشلارنى قىلسا بۇ توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. بىز فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئىشتات ۋە يەرلىك قانۇن ئىجراچىلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قاتناشقان گۇماشتىلار ياكى ۋاسىتىچىلەرنىڭ  ھەممىسىنى بىردەك تەكشۈرۈپ، توختىتىپ، قانۇن بويىچە جازالايمىز.

— ۋاتساپ ياكى سىگنالدا خىتاي خادىمىدىن «ئائىلەڭدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلدۇق، سەن تۆۋەندىكى بىز دېگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك» دېگەندەك خەت تاپشۇرۇۋالغان بىر ئۇيغۇر ئۇنى خاتىرىلەپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ياكى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا قانداق ئەۋەتىپ، سىز دېگەندەك قوغدىنىشقا ئېرىشىدۇ؟

— دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىزنىڭ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىمىز بار. ئۇيغۇر جامائىتى شۇ ئۇچۇرنى بىزگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە دوكلات قىلسا بولىدۇ، شۇندىلا بىزمۇ ئەڭ تېز سۈرەتتە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ قوغدىيالايمىز ھەم تەكشۈرەلەيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىشلىتىپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز، بەزى كىشىلەر بۇنى «گۆرۈگە ئېلىش» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ناھايىتى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىش. مەن ئامېرىكىدىكى ياكى باشقا دۆلەت، شەھەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك ھېكايىلەرنى ئاڭلايمەن. چەت ئەلدە پائالىيەتچى ئائىلە ئەزالىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى تۈرمىلەردە ياتماقتا، ئۇلار ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ، شۇنداقلا ۋەتەندىن ئايرىلىش ئىختىيارلىقى بولۇش ھەققىدە ئوچۇق گەپ قىلىپ كەلدى. بۇ مەسىلىگە بىز داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىمىز.

— ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يولغا قويغىلى ئىككى يىلدەك بولدى ھەم نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن ماللارنى توسۇپ قالدى. لېكىن بىز يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ماللارنى كۆرىمىز. مەسىلەن ئەگەر سىز مۇشۇ يەردىكى ئاسىيا ياكى كورېيە دۇكانلىرىغا كىرسىڭىز چىلانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بەزى چىلانلار بىڭتۈەندە ئىشلەپچىقىرىلغان.  بىڭتۈەن بولسا دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلار بىرلەشكەن ئورۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ئورۇن. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يۈرگۈزۈشتە قانداق توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتىدۇ؟

— «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلدى. بىز مۇشۇ قانۇن بىلەن ئىككى يىلدىن ئاز ۋاقىتتا 2مىليارد 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ماللارنى تۇتۇپ قالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە پەمىدۇر، پاختا، كىيىم-كېچەك، كىرىستاللىق كىرېمنىي، ئاليۇمىن، مېتاللار، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ھەر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ماللار بار. بىزنىڭ خىزمىتىمىز تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. مال تەمىنلەش زەنجىرلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ. ئادەتتە مال تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ 6،7،8 قاتلىمى بار. بىز شۇلارنى تەكشۈرۈپ، ئارىسىدىكى بىرەر تەركىب ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتامدۇ-يوق دېگەننى ئېنىقلايمىز. يەنە كېلىپ، مال ئىمپورت قىلغۇچىلار ۋە توغرا يولدا ماڭغۇسى بار ئامېرىكا شىركەتلىرى ماللارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى بىلەلمەي قىينىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بىزنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشىمىز مال تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ، مال تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قەدەم بېسىش-باسماسلىقىنى قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ياكى  مال تەمىنلەش زەنجىرى تۈرىنى كۆپەيتىپ تۆۋەن خەتەرلىك تەمىنلىگۈچىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شىركەتلەر تۇنجى قېتىم تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ئۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكىغا يولغا چىقىپ بولغۇچە ئۇلارنى توسالايدۇ. بۇ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. بىز بۇ قانۇننى يولغا قويغان ئىككى يىلدىن بۇيان تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى كۆردۇق، بىز يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم. شەك-شۈبھىسىزكى، كۆپچىلىك بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن تونۇشلۇق ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغىنىمىزنى ئېنىق بىلىدۇ.

— سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كۆپلەپ پايدىلىنىپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ياسايدۇ ھەم ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدۇ. يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق تۇتۇشقا سېلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ناھايىتى ياخشى بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. نۇرغۇنلىغان بېلىقلار ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چىققاندىن كىيىن، خىتاي ئۈچىنچى بىر دۆلەت، مەسىلەن ۋىيېتنام، بېنگال (باڭلادېش)، ھىندىستان، مالايسىيا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ؟

— مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر قارشى ئېلىنىدۇ. ئەگەر شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ، راستچىل ئىش قىلىدىغان ۋە مال تەمىنلەش زەنجىرى ئىشەنچلىكرەك دۆلەتلەرگە يۆتكەلسە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېنىقلاش ئاسانراق بولىدۇ ھەم بۇ بىر قارشى ئېلىنىدىغان تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردە يۈز بېرىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ماللار ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق مالنىڭ كېلىش مەنبەسى ئامېرىكادىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز ۋە بۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمىز. ماللارنىڭ باشقا دۆلەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلگەن ھامان،  بۇنى ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرىمىز، بۇلار سىز دېگەن شۇ دۆلەتلەردىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز بىزنىڭ ئاشكارا سانلىق مەلۇماتىمىزغا قارىسىڭىز، تۇتۇۋېلىنغان نۇرغۇن ماللار خىتايدىن كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار باشقا دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىن كېلىۋاتىدۇ بىز بۇنى دۇنيانىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئاشكارا قىلدۇق.

— خىتاينىڭ توردا پارچە ساتقۇچىلىرى بولغان شېيىن ۋە تېمۇ توغرۇلۇق سۆزلىشەيلى. ئۇلار ھەر كۈنى ئامېرىكىغا مىليوندەك پوسۇلكا ئەۋەتىدۇ. ئالدىنقى يىلى «بىلۇمبېرگ»نىڭ مۇخبىرى شېيىندىن كىيىم ئالدى ۋە گېن تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىچىدىكى پاختىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن ماللارنى ئامېرىكىغا داۋاملىق كىرگۈزۈۋاتقان شېيىن بىلەن تېمۇدەك تور دۇكىنى شىركەتلىرىگە قانداق قارشى تۇرۇۋاتىدۇ؟

— مەن بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئېنىقلاپ قوياي. مەن مەلۇم بىر شىركەت توغرۇلۇق گەپ قىلمايمەن، بىز مەلۇم شىركەت ياكى مەلۇم تەكشۈرۈشلەر توغرىسىدا سۆزلىمەيمىز. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ دۆلەتكە كىرگۈزۈلۈۋاتقان ھەر قانداق مال ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. تېز مودا ئىمپورت ماللىرى ۋە باشقا خىلدىكى ئىمپورت ماللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەگەر بىز ھەر قانداق ئىمپورت مالنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى توغرۇلۇق ئىسپات تېپىۋالساق، يۇقىرىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. بىز ئىشىنىمىزكى،  ئۇزۇندىن بۇيان تاموژنا قانۇنىدىن مۇستەسنا «تۆۋەن ئۆتكەللىك كەچۈرۈم» ئاشۇ ئەندىشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىشىمىز كېرەك. «تۆۋەن ئۆتكەللىك كەچۈرۈم» بويىچە كىرگەن، قىممىتى 800 دوللاردىن ئاز بولغان پوسۇلكىلاردىن سانلىق مەلۇمات توپلاش ئاز بولغاچقا،  ئۇ توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قىيىن بولماقتا. بىز تاموژنىدىكى «تۆۋەن ئۆتكەللىك كەچۈرۈم» ماددىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈچۈن چىقارغان كۈچىمىزنى، شۇنداقلا فەنتىنىل، ساختا ماللار، ئەتكەس ماللارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش تىرىشچانلىقىمىزنى يوق قىلىۋېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمىز. بۇلار بىز يېقىندىن ماسلىشىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز. بۇ ئىشلارغا بىزنى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ.

— خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى  ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقتى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى ھەمدە ئۇنى «21- ئەسىردىكى يالغانچىلىق» دەپ ئاتىدى. خىتاي يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە «ئامېرىكا خىتاينىڭ يۈكسىلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭلاشقا يالغان ھېكايىلەرنى توقۇيدۇ» دېگەندەك سۆز-چۆچەكلەرنى  تارقاتتى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

— ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىيلىكلەرنى قىلغۇچىلار ھەمىشە يالغان گەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇنداق ئىشلار بولمىدى دەيدۇ. مەن ئامېرىكا يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كەلگەن، مەن ئاجىز ئورۇندىكى خەلقنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چۈشىنىمەن. مەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا ئوخشاش تارىخنىڭ قايتىلانغانلىقىنى كۆرىمەن. ۋىرجىنىيەدىكى پائالىيەتكە قاتناشقاندا مەن جازا لاگېرىغا سولانغان ئۈچ ئۇيغۇر ئايال بىلەن پاراڭلاشتىم. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بىر مىللەتنى يوقىتىشقا ئائىت بۇنداق ۋەقەلەرنى، شۇ قەدەر جىق پاكىتلارنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا ئىشلەۋاتقان بىزلەر بۇنىڭغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز.

— سىزگە كۆپ رەھمەت

— رەھمەت

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.