«ياخشى ساقچى ۋە ئەسكى ساقچى» تاكتىكىسى: خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ھىيلىسى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.08.26
رەناگۈل غېنى دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىلگەن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنىنىڭ ئاچىسى رەناگۈل غېنى. 2017-يىلى، كورلا.
Qelbinur Ghéni teminligen

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارغا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ئۇسۇلدا تەھدىت سالماقتىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىق ئۈندىدار ئارقىلىق بىۋاسىتە تېلېفون قىلىدىكەن ياكى خىتايچە ئۇچۇر يوللايدىكەن. يەنە بەزىلىرىگە ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېلېفون قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بېسىم قىلىدىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاچىسى رەناگۈل غېنى «قۇرئان كەرىم» نى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 10 يىل، ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 7 يىل بولۇپ، جەمئىي 17 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاچىسىنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇن-نىزامغا چۈشمەيدىغان قۇرۇق باھانىلەر بىلەن تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلغان. ئاچىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى پائالىيەتلىرى كۆپەيگەنسېرى، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان تېلېفوننىڭ قېتىم سانىمۇ ئاشقان.

ئۆزىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تاشقىي ئىشلار ئىدارىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان ئەلى ئىسىملىك كىشى بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، يەنى قەلبىنۇر خانىمنىڭ ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، قەلبىنۇر خانىم بىلەن ئالاقىلىشىشىقا باشلىغان.

ئۇلار بەزىدە بىۋاسىتە تېلېفون قىلسا، بەزىدە ئاۋازلىق ئۇچۇر ئارقىلىق، بەزىدە يۇمشاق بەزىدە قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن قەلبىنۇر خانىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان.

خارۋارد قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ «سۆھبەتلىشىش تاكتىكىلىرى» پىروگراممىسىدا، سۇزان برودت ۋە مارلا تۇچىنىسكى يازغان «قارشى تەرەپتە تۇرۇپ بىللە ئىشلەش: ‹ياخشى ساقچى/ئەسكى ساقچى› سۆھبەتلىشىش تاكتىكىسى» ناملىق ماقالىدىكى مەزمۇنلار كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ماقالىدە ‹ياخشى ساقچى/ئەسكى ساقچى› تاكتىكىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «‹ياخشى ساقچى/ئەسكى ساقچى› تاكتىكىسى سۆھبەتلىشىش ۋە سوراق قىلىشتا قوللىنىلىدىغان پىسخىكىلىق تاكتىكا بولۇپ، ئىككى سوئال سورىغۇچىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا قارىماققا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىغا قارىمۇ-قارشى ئۇسۇللارنى قوللىنىدىكەن. ئۇلاردىن بىر سوئال سورىغۇچى ئەيىبلەش ياكى جازا تەھدىتى سېلىش تاكتىكىسىنى قوللانسا، يەنە بىرى ھېسداشلىق قىلىدىغان ياكى مۇكاپاتنى تەكىتلەيدىغان تاكتىكا قوللىنىدىكەن. يەنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نىشانغا ئېلىنغۇچىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىدا ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىدىكەن.»

قەلبىنۇر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاچامنىڭ ‹جىنايەتچى› ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئاچام گۇناھسىز. ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن مېنى كونترول قىلىشقا، جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى مۇكەممەل كونتروللۇققا ئالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ئاخبارات خادىملىرى ۋە يازغۇچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاش ئارقىلىق، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ھەم جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر خىل ئۇسۇللاردىكى تەھدىتلەر ۋە شۇنداقلا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن ئىغىر پىسخىكىلىق بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن.

قەلبىنۇر خانىم دۇچ كەلگىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن «ياخشى ساقچى» بولۇپ دوستانە كۆرۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن «ئەسكى ساقچى» بولۇپ تەھدىت سالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىلى كۆپ ئىكەن. شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق نىرولا ئەلىما خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ياخشى ساقچى» ئويۇنىغا ئالدانغان ئىكەن.

ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى ماھىرە ياقۇپ 2013-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا خىتايدىن پۇل سېلىپ بەرگەن. 2019-يىلى مايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەملەشكەن» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا نىرولا ئەلىما خانىمنىڭ ئاپىسى ئارقىلىق نەۋرە ئاچىسى ماھىرە ياقۇپنىڭ ئالتە يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقنى ئۇقتۇرغان.

نىرولا ئەلىما خانىم نەۋرە ئاچىسى ماھىرە ياقۇپ تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا نەۋرە ئاچىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا «ئەگەر ئۇ نەۋرە ئاچىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتسا، نەۋرە ئاچىسىنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغان. ئاپىسىنىڭ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى ئالدىدا نىرولا خانىم سۈكۈت قىلىپ، نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ساقلىغان. لېكىن يېقىندا نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئالتە يېرىم يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاپامنى بەك قورقۇتىۋېتىپتۇ، ئاپام ماڭا ‹بىزنى ياشىغىلى قويۇڭ› دەپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە ‹ماقۇل› دەپ جىم تۇرغان ئىدىم، ئاچامنى ئالتە يېرىم يىللىق كېسىپتۇ. جىم تۇرغاننىڭ پايدىسى يوقكەن.»

ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە مۇنداق خىتاب قىلدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزىنى بىز چۈشۈرمەيۋاتىمىز، يالغانچىلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ يۈزىگە ئۆزۈڭلار قارا سۈركەۋاتىسىلەر. ئاچام گۇناھسىز، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.