مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسىخىكىلىق ساغلاملىقى بويىچە گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس توماس شۇلتز بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى سەۋەبىدىن رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مىسلىسىز روھىي بېسىملارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەتىن بۇ مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە دىققەت تارتىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش مەقىسىتىدە بەزى تىرىشچانلىقلار كۆرستىلىشكە باشلىغان.

گېرمانىيە مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكادىكى نيۇ-يورك ئاپتاۋن تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىكا ئىلمىي بويىچە پروفېسسورى توماس شۇلتز ئەپەندى مۇشۇ تىرىشچانلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. بىز بۈگۈن توماس شۇلتز ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن روھىي ساغلاملىق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك توماس شۇلتز ئەپەندى، مەن سىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا پىسىخىكىلىق ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت باشلىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

شۇلتز ئەپەندى: مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىدىم ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارغا پىسىخىكىلىق ياردەم قىلىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. مېنىڭ پىلانىم چەت ئەللەردىكى، جۈملىدىن مەن ئۆزۈم ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ قانداق روھىي ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى تېپىپ چىقىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغنان پىسىخىكا دوختۇرلىرى تورى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بىرىنچى قەدەمدە مەن ئىككى ئاي ئاۋال مىيونخېندا ياشايدىغان 30 دەك ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشتىم، يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن بېشىغا كەلگەن قېيىن كۈنلەرنى ئاڭلاپ چىقتىم. ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە مەن بىر يۈرۈش سوئاللارنى ھازىرلاپ چىقىپ، بەلگىلەنگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئېھتىياجىنى بەلگىلەپ چىقىمەن. ئاخىرىدا كونكىرېت بىر داۋالاش پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىمەن.

مۇخبىر: سىز بۇنى پەقەت گېرمانىيەدىلا قىلامسىز ياكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق پسىخىكىلىق ياردەملەرنى ئېلىپ بارامسىز؟

شۇلتز ئەپەندى: ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ پىلانىم. ئامېرىكادىمۇ ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى دەيدىغان بىر ھەرىكەت باشلانغىنىنى بىلىمەن. مەن دوكتۇر مەمەت ئىمىن بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. بىز بۇ مەسىلىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى توپلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ماس كېلىدىغان داۋالاش پروگراممىسى شەكىللەندۈرۈپ چىقالىساق، بۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىشتۇر. ھەممە ئادەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلاشمايدۇ. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشتىم. قارىسىڭىز، ئۇلار نورمال ھايات كەچۈرىۋاتقان ئادەملەر، ئەمما ھەممىسىنىڭ دەردى ئىچىگە يوشۇرۇنغان. مۇھىم بولغىنى، بۇنى بايقاش ۋە پىسىخىكىلىق ياردەم ئېلىشنى قارار قىلىشتۇر. ئەلۋەتتە، بىز بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى ئوڭشىيالمايمىز. ئەمما سىزگە قانداق قىلىپ بۇ دەرت-ئەلەم بىلەن يۈزلىشىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىمىز

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارغا پىسىخىكىلىق ياردەم بېرىش خىيالى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟

شۇلتز ئەپەندى: بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. بىرى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشتۇر. يەنى مەن ئۇيغۇرلارغا پىسىخىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى خالايمەن. ئىككىنچى سەۋەبى، مەن بۇ ئارقىلىق پەن-تېخنىكا ساھەسىنى ياكى بۇ تىببىي ساھەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەردىن خەۋەردار قىلىش، ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن روھىي زىيانكەشلىكىدىن خەۋەردار قىلىشنى ئويلايمەن. چۈنكى بۇ كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندا، ئۇنىڭ تەسىرى باشقىچە بولىدۇ. بەلكىم ئۇلار سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.

مۇخبىر: سىزچە روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

شۇلتز ئەپەندى: نۇرغۇن كىشىلەردە روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىدە، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، پىسىخىكا كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈش مەسىلىسىدە تېڭىرقاش ۋە پەرقلىق كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ھەممە جەمئىيەتلەر ئۈچۈن بۇ ھازىرغىچە ئېغىر بىر مەسىلە. بۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى توپلۇقلاردا تېخىمۇ ئېغىر. ئۇلار ‹كىشىلەر مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ› دەپ ئەنسىرەيدۇ. بۇ توغرىلىق سۆزلەشتىن قورقىدۇ. ئەمما روھىي ساغلاملىق بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ سۈپىتىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەتتا بىزنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، كاللىمىزنى ئېچىۋېتىشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: سىزمۇ يۇقىرىدا دېگەندەك، روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى تېخى نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە پەرقلىق كۆز قاراشلار مەۋجۇت بىر ساھە. ئۇيغۇرلاردىمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا سىز بۇ ھەقتە قانداق تەۋسىيەدە بولىسىز؟

شۇلتز ئەپەندى: مەن بايا دېگىنىمدەك، ئادەملەر روھىي ساغلاملىقى توغرىلىق سۆزلەشتىن قورقىدۇ. بۇنى بىر ئاجىزلىق، كېسەللىك دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ كېسەللىك ئەمەس. بۇ پەقەت سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ياكى زېھنىڭىزنىڭ ۋەقەلەرگە قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسى. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ بەزىدە كېچىلىرى ئەندىشە بىلەن ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ توختىماي سوقۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بەزىدە ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز يىغلىغۇسى كېلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. شۇنداق دەۋاتقاندا، ئۆزىنى تۇتالماي ئېتىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. . مانا بۇ سىز باستۇرۇپ ۋە يوشۇرۇپ كەلگەن ئىچكىي ھېسسىيات. ئىچىڭىزگە كۆمۈۋەتكەن، سىز سۆزلەشنى خالىمايدىغان نەرسىلەر. ئەمما سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، سىزگە ئوخشاش كۈنلەرنى كۆرگەن باشقا ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان ئىنكاسلار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا ھەرگىز بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشتىن، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ياردەم ئېلىشتىن خىجىللىق ھېس قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

مۇخبىر: ئاخىرىدا تولۇقلىما قىلماقچى بولغان قانداق سۆزىڭىز بار؟

شۇلتز ئەپەندى: بىز ئۇيغۇرلار توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋاتىمىز. ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلىمىز، ئەمما بىز بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بەرگەن زەربىسىنىمۇ، ئۇيغۇرلار تۆلەۋاتقان روھىي بەدەلنىمۇ بىلىشىمىز، بۇنى كۆپرەك تونۇتۇشىمىز كېرەك. بىلگىنىمىزدەك، ناتسېستلار ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنى زور كۆلەمدە قەتلى قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە زور كۆلەمدە، يەنى بىر مىليون ئۇيغۇرنى قەتلى قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئاستا خاراكتېرلىق قىرغىنچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان روھىي ئىشكەنجىسىنى تېخىمۇ ئېغىر دەپ قارايمەن. بىز ئەنئەنىۋى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلىمىز. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا ھەم ئۆلتۈرۈلۈشكە، ھەم ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق روھىي زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بۇنى دۇنياغا تونۇتۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىشىمىز كېرەك.»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، سىلەر يۇقىرىدا پروفېسسور توماس شۇلتز ئەپەندى بىلەن روھىي ساغلاملىق ياردىمى مەسىلىسىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. ئىرادە تەييارلىدى.