«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2024.09.27
يېقىندا كانادادىكى كونكوردىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى دوكتور سۇسان ج. پالمېر، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلاردىن دىلمۇرات مەھمۇت ۋە ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب مەركىزى نيۇ-يوركتىكى بلۇمىسبېرىي (Bloomsbury Publishing Inc) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، 26-سېنتەبىر كۈنى كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئىچىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
كىتابتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان لاگېر شاھىتلىرى ۋە ھەمدە ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئورۇن ئالغان. كىتابتا، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇبەيرە شەمسىدىن، روشەن ئابباس، رەھىمە مەھمۇت، رۇقىيە تۇردۇش، ئارزۇگۈل، رازىيە مەھمۇت، دىلنۇر رەيھان، گۈلچېھرە خوجا قاتارلىق 10 نەپەر ئايالنىڭ ھېكايىسى نۇقتىلىق يورۇتۇلغان.
26-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا كىتاب ئاپتورى سۇسان ج پالمېر خانىم، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە دىپلوماتىك ماسلاشتۇرغۇچىسى ئېرىكا كۇئېننا (Erika Kuenne) ، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن، روشەن ئابباس ۋە ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىملار تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن روشەن ئابباس خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلغان. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەيسەر ۋە تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئاياللار ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا كېتىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھېچقاچان ئۆز خەلقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.»
روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ئاساسلىق نىشان بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جىسمىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش ۋە مەجبۇرىي خىتاي ئەرلىرىگە توي قىلدۇرۇلۇش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، چەت ئەللەردە ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەقىبلەش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، «بۈگۈنكى يىغىن پەقەتلا بىر كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇش مۇراسىمى ئەمەس، بەلكى بۇ قەھرىمان ئاياللارنىڭ پىداكارلىقلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە دىپلوماتىك ماسلاشتۇرغۇچىسى ئېرىكا كۇئېننا خانىم، بۇ كىتابتا ھېكايىسى يورۇتۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جاسارىتىگە رەھمەت ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئامېرىكانىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كىتابنىڭ ئاپتورى سۇسان پالمېر خانىم، بۇ كىتابنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بېرىش ئالدىدا ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مۇستەقىل ۋە ئوبيېكتىپ تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ قالغان ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش مەقسىتىدە كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. نەتىجىدە لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىكەن.
يىغىن داۋامىدا، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇنلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا كىرىش ۋە چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبلىشىگە ئۇچرىشىغا قارىماي قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
ئەلفىدار خانىممۇ ئۆزى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلار سەۋەبىدىن چەت ئەللەردىمۇ ئېغىر روھىي بېسىملارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ بېسىملارغا قارىماي ئۇلارنىڭ يەنە چەت مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى» ناملىق بۇ كىتاب 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان دىنىي، سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئامىللار بايان قىلىنغان ھەمدە يۇقىرىقى ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا ئوينىغان ھەل قىلغۇچ رولى يورۇتۇپ بېرىلگەن.