خىتاينىڭ قارا قولى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە سوزۇلۇپ، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر تەھدىت ۋە پىسخىك بېسىم ئېلىپ كەلگەن ۋە ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن باشقا يەنە، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانىدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەنگىلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى فاكۇلتېتى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كەلگەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
يىغىننىڭ بۇ بىرىنچى كۈنىدە، تەتقىقاتچىلاردىن داۋىد توبىن (David Tobin) يېتەكچىلىك قىلغان سۆھبەتتە مۇئەتتەر ئىلقۇت، نىيرۇلا ئەلىمە (Nyrola Elima)، رۇنى ستېنبېرگ (Runi Steenberg) قاتارلىقلار دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى تەتقىقاتلار دۇچ كېلىۋاتقان توسقۇنلۇق ۋە بۇنى يېڭىش ئۇسۇللىرى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلارغا زەربە بېرىش سىياسەتلىرى ئۈچۈن ئۇچۇر تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
لاۋرا مۇرفى (Laura Murphy)، ئادرىيان زېنز، ئەلىس ئاندېرسون، دىلنۇر رەيھان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار مەجبۇرىي ئەمگەك قانداق بولۇپ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تورى ۋە خەلقئارا سەرمايىگە تايىنىپ قالدى؟ ئۇلارنى چەكلەش ئۈچۈن قانداق قانۇن ۋە سىياسەت تۈزۈلۈشى كېرەك دېگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد توبىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ بىرىنچى نىشانى تەتقىقاتچى ئالىملار، پىكىر ساھىبلىرى ۋە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا بىلىم ئالماشتۇرۇش. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار بۇ يەردە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ؛ ئەمما بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش».
داۋىد توبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ئالىم-تەتقىقاتچىلار مۇشۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىلمىي تەتقىقاتلا ئەمەس، بەلكى سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىش پائالىيىتى بولغىنىدا ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلىم ۋە سىياسەت جەھەتتە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە تەتقىقاتقا مۇھتاج. بىز ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا پۇرسەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەتقىقات ھاياتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز بۇ يىغىنغا تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتقان مۇئەتتەر ئىلقۇت، نىيرۇلا ئەلىمەگە ئوخشاش ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق».
داۋىد توبىن ئۆزىنىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرگەنلىكىنى، تەتقىق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ تۇرغاندا خىتاينىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىز چوقۇم تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك بولغان ھۆكۈمەت سىياسىتى» دېدى.

گېرمانىيەدىن كەلگەن ئىنسانشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈسۈپ) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى.
چۈشتىن كېيىنكى مۇھاكىمىدە، تەتقىقاتچى سامىيۇل داننىڭ (Samuel Dunning) قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان جايلار»، «ئەنگىلىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تىمەسى گروس(Timothy Grose)، رەنا رەفاھى قاتارلىق تەتقىقاتچىلار دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارغا، مەسىلەن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تۇڭگانلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ سىرتىدا قانداق قوللىنىلىۋاتقانلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
دوكتور رۇنى ستېنبېرگ بۇنىڭدەك يىغىنلاردا تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار بىر يەرگە جەم بولسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەتقىقاتچى داۋىد توبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر نىيرۇللا ئەلىما بىلەن بىرلىكتە «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچرىشى» دېگەن تېمىدا چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلاتنى تەييارلاۋېتىپتۇ. ئاندىن بۇ يىل 7-ئايدا شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر پائالىيەت ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ پائالىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى فىلىم، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق شەكىللەردە كۆرسىتىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى بولسا، شىفېلىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەنقىدچى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە ئەسقاتىدىغان دوكلاتلارنى تەييارلاش ئىكەن».
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن مەمەتجان جۈمە، نۇرىمانگۇل ئابدۇرىشىت قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك شەخسىي كەچۈرمىشلەرنى بايان قىلىش سۆھبىتىگە قېتىلىدىكەن.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «ئەركىنلىك سارىيى» ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «دېموكراتىيەنىڭ ئۇچرىشىشى: ئالتە دۆلەت ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلدى. بۇ ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، كوسوۋو، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، سلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا زەربە بېرىش پرىنسىپىى خىتابنامىسى» دە، «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا سېلىنغان تەھدىتتۇر» دەپ جاكارلانغان ۋە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇش، قورقىتىش، قىيناش قىلمىشلىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.