خالىفەكس مۇھاكىمە مۇنبىرى «خىتاي بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى: تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئويۇن» ناملىق قوللانمىنى تارقاتقان

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خالىفەكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى بۇ يىل 20-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە كانادادا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى خىتاينىڭ تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ، يىغىندا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر بولغان ھەمدە دېموكراتىك ئەللەر خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان «خىتاي بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى: تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئويۇن» ناملىق 101 بەتلىك بىر قوللانما تارقىتىلغان.

بۇ قوللانمىنى تەييارلاش 2019-يىل باشلانغان بولۇپ، خالىفەكس مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى روبىن شېفېرد (Robin Shepherd) بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىنىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىپ چىققان؛ ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 250 نەچچە مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلىپ، خىتايغا ۋە خىتاينىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتىنى قايتا باھالىغان. مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە ھەر تۈرلۈك قىممەتلىك پىكىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان. 2020-يىللىق خالىفەكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇھاكىمە مۇنبىرىدە دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيە دۈشمەنلىكىگە قارشى ئورتاق ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر قوللانمىنىڭ نىشانى دەل ئاشۇ ئورتاق ئىستراتېگىيەنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ قوللانمىنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەتەرلىك ھالىتىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى بويسۇندۇرالمايمىز ياكى ياخشىلىيالمايمىز. بىز ھەر قانچە قىلساقمۇ ئۇلار بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىمىزنى ئۇزاققا قالمايلا ھېس قىلىمىز. خىتاي دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلانمىغىچە ھەرگىز بىخەتەر دۆلەت بولمايدۇ».

بۇ قوللانمىنىڭ مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، «يەرلىك ئاپتونومىيە»، «دېموكراتىيە زەربە نىشانىغا ئايلاندى»، «زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ ئىشلىرى»، «خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ھاكىمىيەتچىلىكى»، «ئىستراتېگىيەلىك ھېساب-كىتاب»، «بىرلىكتە قۇدرەت تېپىش» قاتارلىق بابلاردىن تەشكىل تاپقان. «يەرلىك ئاپتونومىيە» بابىدا خىتاينىڭ يالغان ئاپتونومىيەسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاتتىق زۇلۇم سالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بىر مىليون كىشى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ˃تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركىزى˂دەپ ئاتالغان لاگېرلارغا قامالغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىقادىدىن ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە ھەمدە كومپارتىيەگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، نەچچە مىڭ پارچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىسپاتلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، شىنجاڭدا غايەت زور لاگېرلارنىڭ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقانلىقى ياكى كېڭەيتىپ سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەرلىك ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان».

بۇ قوللانمىدا خىتاينىڭ خەلقئارادا ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشى يوق ئىكەنلىكى، پەقەت مۇستەبىت شىمالىي كورېيە، پاكىستان ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىگە ئوخشاش مەنپەئەتداشلىرىدىن شەكىللەنگەن «خىتاي ھەمكارلىق گۇرۇھى» بارلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ھەقىقىي ئىشەنمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گوردون چاڭ ئەپەندى ئۇيغۇرلار گەرچە مۇسۇلمان خەلق بولسىمۇ مۇستەبىت ئەللەرنىڭ، جۈملىدىن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايغا ئىقتىساد جەھەتتىن بېقىنىپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىدىمۇ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە سەل قارايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشقا ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلىرى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، قىينىلىشىغا قۇل قىلىنىشىغا ۋە دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ بولغان دېموكراتىك ئەللەر خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلىمىدى».

«دېموكراتىيە زەربە نىشانىغا ئايلاندى» دېگەن بابتا بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى خوللىۋود، دىسنېي قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرگە بۇيرۇق قىلالايدىغان بولۇشى، دىسنېي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «خۇا مۇلەن» ناملىق كىنونى ئىشلىگەنلىكى، خوللىۋودنىڭ خىتايغا بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يامان تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

بۇ قوللانمىدا دېموكراتىك دۇنيانىڭ ئۆز قىممەت قارىشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى، خىتاينىڭ دېموكراتىك جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىغا سەل قاراش؛ ئىككىنچى، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ماقالە، بايانات ياكى سەنئەت ئەسىرىنى ئىدىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە ئارىلىشىپ قېلىش، ئۇنى قوللاش ياكى تەستىقلاش؛ ئۈچىنچى، خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان تېخنىكا ۋە سودا ئالاقىسىگە قاتنىشىش؛ تۆتىنچى، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنتېرنېت ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز قىممەت قارىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قارا نىيىتىگە سەل قاراش؛ بەشىنچى، خىتاينى تەنقىد قىلىۋاتقانلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن چەكلەش ۋە جازالاش؛ ئالتىنچى، دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان ھۆكۈمەت ۋە دېموكراتىك زاتلارنى قوللىماسلىق؛ يەتتىنچى، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش. بۇ يەتتە تۈرلۈك قىلمىشنى كۆرسىتىش مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، خالىفەكس مۇنبىرىنىڭ تور بېتىدە ئايرىم ھۆججەت شەكلىدە ئېلان قىلىنغان.

بۇ قوللانمىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى مەزكۇر دۆلەتلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ خەلقى خالىمايدىغان دۈشمەنلىك گىردابىغا قىستاپ قويدى. ئەگەر خىتاي رەھبەرلىرى ۋاقتىدا ھوشىنى تېپىپ، قارا نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز يولىنى توغرىلاپ ماڭالىسا زىددىيەت ۋە توقۇنۇشتىن ساقلىنالايدۇ. ئەگەر ھوشىنى تاپمىسا، قارا نىيىتىدىن يانمىسا، قارشىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدا بۇ ئەسىرلىك ئەڭ چوڭ ئويۇن باشلىنىدۇ».

گوردون چاڭ ئەپەندى «ئەگەر دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەر بىلەن خىتاينىڭ زىددىيەت-توقۇنۇشلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن تەقدىردە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلارمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن، مەنچە خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ سۆزنى پات ئارىدا ئىشلىتىدۇ».