«شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقىشى تەلەپ قىلىنغان

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنغا 40 دەك دۆلەتتىن كەلگەن ئۆلىمالار، پارلامېنت ئەزالىرى، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار ۋە ژۇرنالىستلار بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر-سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلدى. يىغىننىڭ كىيىنكى پروگرامملىرى ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

«شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى ئىيۇن، ئىستانبۇل.
«شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى ئىيۇن، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئىنسانىي ۋە دىنى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان، ئىمام بۇخارى، ئىمام ماتۇرىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەخمۇت قەشقەرىيگە ئوخشاش كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان، تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان، ئەجدادلىرى مىڭ يىلدىن بۇيان ئىسلامغا قۇچاق ئېچىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلىتىش، دەردلىرىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە شەرەپلىك دەۋالىرىنى ھەمبەھىرلەش، ئۇلارغا بىر نەپەس بولسىمۇ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە خاتىرىلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى يوق قىلىنىۋاتىدۇ، مۇسۇلمان ياشلار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىش چەكلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر كىملىكىگە ئائىت ھېچ قانداق ئىشقا رۇخسەت بېرىلمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، ئەلۋەتتە ئىسلام ئۆلىمالىرىغا يۈكلەنگەن بىر جىددىي ۋەزىپىدۇر».

«شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلماقتا. 2022-يىلى ئىيۇن، ئىستانبۇل.
«شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلماقتا. 2022-يىلى ئىيۇن، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

يىغىندا يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالى قاراداغى سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئۈممىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنى ۋە ئىماملارنى ئ‍ۆز دۆلىتىدىكى خەلقلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىگە ۋە رەھبەرلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، ئەگەر داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاخىرەتتە چوقۇم ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

دوكتۇر ئالى قارىداغى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاۋۇللاھ شاھيار دوكتور ئەلى قاراداغىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆز قىلدى. ۋالىي ئالى يەرلىكايا ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قەلبداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قەلبلەر يېقىنلاشقانسېرى، گەرچە ئارىدا دېڭىز-ئوكيانلار بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن جۇغراپىيەلەر بىز ئۈچۈن يېقىندۇر. شەرقىي تۈركسىتان ماڭا نىسبەتەن خۇددى يۇرتۇم كونياغا ئوخشاشلا يېقىندۇر. بىزلەر بىر دەريانىڭ ئېقىنلىرى، بىر چىنارنىڭ شاخلىرى، بىز بىر نەسىلنىڭ ۋە بىر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە، ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا دۇنيا كور ۋە گاس-گاچا بولىۋالدى، لېكىن بىز ئۇلارغا ئوخشاش زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايمىز، سىلەر پەقەت تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان تۈرك مىللىتىدىن بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆز تىلىڭلاردا سۆزلەشتە چەكلىمىگە ئۇچرىدىڭلار، دىنى ئېتىقاد بىلەن ياشاشتىن مەھرۇم قىلىندىڭلار، يىلتىزىڭلاردىن سۇغۇرۇلۇپ سۈرگۈن قىلىندىڭلار، تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىدىڭلار، سىلەر ھاياتىڭلارنى پىدا قىلىش بەدىلىگە دىنىڭلارنى، تىلىڭلارنى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىڭلارنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدىڭلار. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى ئەجنەبىي ھېس قىلىپ قالماسلىقى، تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى ئۆز يۇرتىدىكىدەك ھىس قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى يولغا قويۇۋاتىمىز، چۈنكى بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئەجنەبىي كۆز بىلەن قارىمايمىز.»

يىغىن ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى، خۇلاسە دوكلاتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم ئوقۇپ ئۆتتى.

ئابدۇسالام ئالىم خۇلاسە دوكلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك، ‎شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش، دەپسەندە قىلىنغان ھەق ھوقوقىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى توغرسىدا خىتاي بىلەن سودىلىشىشنى قەتئىي رەت قىلىش توغرىلىق بىرلىككە كەلدى ۋە چاقىرىق ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە رايوندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى ئەيىبلەش، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ زور مىقداردا قەرز بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بايلىقىنى سۈمۈرىۋېلىش ۋە ۋاستىلىق ھالدا ئاستىرتتىن ئىگىلىۋىلىشتەك خەتەرلىك ئىقتىسادىي پىلانىغا ئالدانماسلىققا چاقىرىق قىلدى. ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۆلىمالار ۋە دەۋەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا، ئىجتىمائىي ئورگان ۋە ئاخبارات قاناللىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى قوللاشقا ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقرىق قىلدى.»

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىنسانىيەت مەسىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئىسلامىي پرىنسىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خۇلاسە دوكلاتىدا دۇنيادىكى ھەرقايسىي دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنى، شۇنداقلا ھەر قايسى تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە جىددىي قاراشنى، يىغىن-كېڭەشلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىشنى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشىلتىش تەلەپ قىلىندى.