ئىستانبۇلدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

10-ئىيۇل شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا «يەر شارىلىشىش، ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى» دەپ قوشۇمچە نام قويۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، تۈركىيەدىكى بىر قسىم ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلار قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت «خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان» دېگەن تېمىدا، دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابتىن تۇغۇلغان جاھانگىر كۈچ-خىتاي كومپارتىيسى ۋە ئىنسانىيەتنى كۈتىۋاتقان خىتاي تەھتىدى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخىپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم «خىتاي كومپارتىيىسى ۋە سوسيالىزىمنىڭ ھەقىقىتى» دېگەن تېمىدا، گازىئانتىپ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسۇرى ھابىپ تۈركەر «خىتاي كومپارتىيەسى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل يىلتىز تېخنىك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالى چاكسۇ «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە مانىسا جالالبايىر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خالوك دوغان ئەپەندى «قۇللۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى-جازا لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا، تەتقىقاتچى ئوغۇز كاچماز ئەپەندى «نېمە ئۈچۈن كوممۇنىست خىتايدىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ھابىب تۈركەر ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە نامى «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزگىرىشچان بىر ئىدېئولوگىيىگە ئىگە گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈنمۇ جىددىي بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز دۇنياۋىي كاپتالىزىمنى تەنقىد قىلالايسىز، بىراق خىتايدا ئەڭ ئاددىي ۋە ئەقەللىي كىشىلىك ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئىپادە ئەركىنلىكى تېخىمۇ يوق. خىتاي خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقتىن ئېغىز ئاچالمايدۇ ھەم كومپارتىيەنى تەنقىد قىلالمايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يالغۇز خىتايدىلا ئەمەس، ھازىر بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ھەم يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز خىتاينى كۆرمەيمىز، ئەمما خىتاينىڭ تەسىرى خۇددى كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش ھېچ قانداق ئالامەت كۆرسەتمەستىن ئەتراپىمىزغا تارقىلىپ بىزنى يۇقۇملاندۇرماقتا. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت بۇ پالايى ئاپەتكە قارشى ئورتاق قارشىلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ جىددىي مەسىلە بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر خەلق دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بۇ ساھەدە ھەم ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز ھەم بۇ تەتقىقاتلارنى ئىنسانلارنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.»

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر ئالى چاكسۇ ئەپەندى خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ دۇنياۋىي كۈچ بولالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مىليونلىغان ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان، پەقەت ئۇيغۇرلار ئەمەس، ھەتتا ئۆز خەلقىگىمۇ زوراۋانلىق قىلىۋاتقان، خىتاي سىرتىدىكى پۇقرالىرىغىمۇ ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقان بىر دۆلەت دۇنياغا ھەرگىزمۇ خوجىدار بولالمايدۇ. تېخىمۇ توغرىسى، سەلىبىي ئوبرازى بولغان، يامان ئاتاق بىلەن تونۇلغان خىتايدەك بىر دۆلەت دۇنياغا ھەرگىزمۇ خۇجىدار بولالمايدۇ. خىتاينى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا ئەركىنلىكنى شۇئار قىلىپ، ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرى بىلەن دۇنياۋىي كۈچ بولالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ‹ئامېرىكا چۈشى› دېگەن بىر ئارزۇ كىشىلەرنى جەلپ قىلغان. بىراق خىتايدا ئەركىنلىك دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق، ئاتالمىش ‹خىتاي چۈشى› خىتاينىڭ مۇستەبىتلىككە تولغان ۋە دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشنى چۈشەيدىغان قاباھەتلىك چۈشىدۇر، خالاس.»

دوكتۇر ئالى چاكسۇ ئەپەندى يەنە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى ۋە كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايغا قارشى ئۇچۇق-ئاشكارا بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئەگەر ئامېرىكا بېسىم قىلسا، خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ دەل ئەكسىگە ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنى سۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي دۇنياغا ھاكىم بولالامدۇ ياكى ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر دۇنياۋىي كۈچكە ئايلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقالامدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئىتيايىن يىراق. چۈنكى دۇنياۋىي كۈچ بولۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى كۈچ بولۇشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە باشلامچى بولۇشى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئاساسىي بولۇشى كېرەك، ئەمما خىتايدا بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچ قايسىسى يوقتۇر.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېميىسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.