ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەسى يىغىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھامام ناھىيەسىدىكى ئېلىز مېھمانىسىدا 21-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇست كۈنىگىچە چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى. 5 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ۋەزىيىتى، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە پەرەزلەر، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان ئۈچ چوڭ تېمىنىڭ تارماق تېمىلىرى سۈپىتىدە بىرىنچىسى، خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىدىكى ئۆزگىرىشلەر؛ ئىككىنچىسى، غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاينىڭ ىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرىدىكى توقۇنۇشلار؛ ئۈچىنچىسى، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيەۋىي توقۇنۇشلار ھەمدە خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى؛ تۆتىنچىسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق تارماق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇلۇشى، چەت ئەلدىكى ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سىياسەتچىلەرنى كەسپىيلەشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ھەل قىلىش، مىللىي مەپكۇرە مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇس كىملىكىنى بەرپا قىلىش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىشىشى قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بىز مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەسىنى يېزىپ چىقىشتۇر. 2003-يىلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەسى يېزىلغان ئىدى. ئەمما ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، مەزكۇر دەۋانى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇن يازغان ئىستىراتېگىيەنىڭ غايە، نىشان ۋە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر قىسمىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇپ يېزىشىمىز كېرەك.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «دەۋانىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيەتلىرى ماھىيەت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. چەت ئەلدىكى دەۋا ئاساسەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلانغاندا ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىگە پايدىلىق بولىدۇ، دېگەن نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ. بۇلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئۈچۈن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق ئىستىراتېگىيەنى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە خەلقئارا سىياسەتنى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى، خەلقئارا تىجارەتنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى ياخشى بىلىشىمىز، تۈرلۈك ساھەلاردىن پايدىلىنىپ دەۋانى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك».
ئۇ يەنە ئىستىراتېگىيەلىك پىلاننى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ دەۋا ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەسى يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ باش كاتىپى ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم يازغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيەسى» گە قوشۇدىغان يېڭى مەزمۇنلارنىڭ بېكىتىلىپ چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيىسى يىغىنى» ناملىق بۇ يىغىننىڭ چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىر يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2003-يىلى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيەسى» ناملىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى يېزىپ چىققان ئىدى.