مەشھۇر ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. ئۇ، ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنى خاتىرىلەپ تۈرلۈك ئەسلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنىدى. مانا شۇنداق خاتىرىلەشلەرنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يېقىندا ئەنقەرەدىكى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تارمىقىدىكى «بەنگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن مۇھەممەد سالىھ داموللا ۋە ئۇنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان مەخسۇس تۈركچە كىتاب نەشر قىلىندى.

105 بەت ۋە تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بۇ كىتابتا ئالدى بىلەن مەرھۇم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسقىچە تارىخى، دىنىي قۇرۇلمىسى، ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، نەسەبى ۋە ئۇ بېشىدىن كەچۈرگەن بارلىق سىياسىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.

تۈركىيە چاناققەلئە شەھىرىدىكى 18-ماي ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە، مەرھۇم يازغان كىتاب، ماقالە، تەرجىمە قىلغان كىتاب ۋە ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن.

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھەققىدە تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىمۇ بىر قانچە پارچە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سىياسىي تەقدىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قۇرئانى كەرىم» نى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى شادلاندۇرغان مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ تەسىرى ناھايىتى يۈكسەكتۇر. تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەد سالىھ داموللانى ياخشى تونۇيدىغانلىقى، ئۇ ئۆزى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان مۇھىم ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد سالىھ داموللا خىتاينىڭ بەزى سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ۋەتىنى، مىللىتى ۋە دىنى ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلغان ئالىملاردىن بىرىدۇر. ئۇ، بېيجىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، يەنە بەزى دىنىي كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان كىشىدۇر. 1987-يىلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى ئېچىلغان چاغدا مەنمۇ بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىم. ئۇ، مەزگىلدە مۇھەممەد سالىھ داموللا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دىنىي ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، دەرس بەرگۈزگەن ئىدى. نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، بىزگە ‹ھەر قايسىڭلار مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ناھىيەلەرگە بارغىنىڭلاردا، مىڭ ئالىم بولۇپ كەتسەڭلارمۇ مۇشۇ ئۆلىمالار قولۇڭلاردىن تۇتۇپ خەلقنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرمىسە، سىڭىپ كىرەلمەيسىلەر› دېگەن ئىدى. ئۇ، كەلگۈسىنى ياخشى پەرەز قىلالايدىغان، خەلقىنى ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ، خىتايغا قارشى بىر ئىش قىلمىدى، خىتاي يولغا قويغان سىياسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز خەلقى ۋە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ، خىتاي بۇ كىشىنى تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈردى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ كىتاب مۇھىمدۇر».

ئالىمجان بوغدا ئەپەندى مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى چەتئەلدە ياخشى تونۇلغان دىنىي ئالىم ئىكەنلىكىنى، دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان يازغان «مۇھەممەد سالىھ داموللا» ناملىق كىتابنىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ جازا لاگېرىغا سولانغاندىن كېيىن نەزەربەند ئاستىدا ۋاپات بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭمۇ ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ كىتابنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇھەممەد سالىھ داموللا 1939-يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلىدا بېيجىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، قۇرئانى كەرىمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندىن سىرت، ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزگەن ۋە ئۇنىڭ كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان.