مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەپەندى 24-فېۋرال كۈنى فېيسبۇكتا بىر يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ «يول» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ تۈركىيەدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يول» ناملىق تارىخىي روماندا 20-ئەسىردىكى مىللىي ئىقىلاب رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتى ۋە 1930-يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدى-كەينىدە خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى تېما قىلىنغان ئىكەن.
ئاپتورنىڭ رومان ھەققىدىكى يازما بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «يول» ناملىق تارىخىي روماننىڭ ھەجىمى 1000 بەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان ئىكەن. روماننىڭ1-تومى «يولچى»، «ئايسىز ئايدىڭ كېچە»، «چاقنىغان قۇياش»، «مەۋج ئۇرغان دەريا»، «كۆك بايراق جۇشقىسى» ۋە «ئاشىقنىڭ شېھىدى» قاتارلىق ئالتە باپتىن تۇزۇلگەن ئىكەن. روماننىڭ 1-تومىدا تومىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، سابىت داموللام قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش جەريانىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلىرى ۋە ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇشتەك تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرى بايان قىلىنغان ئىكەن.
روماننىڭ 2-تومى «ھىجران يولى»، «ۋەتەن ھەسرىتى»، «قەلەم كۈرىشى»، «مۇزلىغان شەھەر»، «ئوپقان» ۋە «ھەق يولچىسى» قاتارلىق ئالتە باپتىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. بۇ قىسمىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئىككى قېتىملىق ھىجرەت سەپىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەسئۇت سابىرىلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان سىياسى كۈرەشلىرى، چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان ئىكەن.
«يول» ناملىق تارىخىي روماننى نەشر قىلغان تۈركىيەدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابۇجېلىل تۇران ئەپەندى 24-فېۋرال كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» قۇرۇلغاندىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلىپ تارقىتىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ كەلگەن ئىكەن. مەزكۇر نەشرىيات بۇ قېتىم مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتى ۋە 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ جەريانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «يول» ناملىق بۇ تارىخىي روماننى ئاپتوردىن ھېچقانداق نەشر ھەققى ئالماي ھەقسىز نەشر قىلغان. «يول» ناملىق بۇ تارىخى رومان 1930-يىللاردىكى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان قاراقاش ئىنقىلابىنىڭ 88 يىللىق خاتىرە كۈنىدە نەشىردىن چىققان. مەزكۇر روماننىڭ 24-فېۋرال كۈنى نەشىر قىلىنىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئىكەن.
مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش تارىخى بىلەن يېقىندىن تونۇشلۇق بولغان تۈركىيەدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ھامۇتخان ئەپەندى مەزكۇر روماننىڭ يېزىلىش جەريانىدا، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم توغرىلىق ئۆزى بىلىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئاپتور ھەبىبۇللا ئابلىمىتقا سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ جاپالىق ئەمگەك بىلەن يېزىلىپ چىققان مەزكۇر روماننى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەپەندىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامۇتخان ئەپەندى «يول» ناملىق بۇ تارىخىي رومانننىڭ توردا ئالدىنئالا ئېلان قىلىنغان پارچىلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر روماننى ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى چىنلىق بىلەن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ھۆججەت خاراكتېرلىق بەدئىي-تارىخىي ئەسەر دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى يەنە مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرى تېما قىلىنغان مەزكۇر روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي چىنلىق ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.