مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاپ، ئىجاد ئەتكەن كۆپلىگەن ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ياخشى تونۇشتۇر. ئەينى ۋاقىتلاردا، يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېقىنلاشقان مەزگىللەردە، ئىككى ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ياخشى يولغا قويۇلغانىدى. بۇ ئالاقىلەر قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللاردىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئالاقىلەر تامامەن ئۈزۈلدى. بۇنىڭغا بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئومۇمىييۈزلۈك باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغان ئىدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، بولۇپمۇ زىيالىيلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى تەرغىپ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەندى. شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ئېچىندۇردى. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېز تارقىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئەپسۇسلىنىش، ئېچىنىش دولقۇنى ھاسىل قىلدى. شائىرنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىر بېتىنى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە شېئىرلىرىغا بېغىشلىدى.
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ياخشى تونۇش قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، ژورنالىست ئىسمايىل روزىيېف ئەپەندىدۇر. ئۇ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇنى ياخشى بىلىدىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۆزىنىمۇ قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇھەممەتجان راشىدىننى مەن 2010-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغان كۆرگەن ئىدىم. ئۇ مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. بىز ئازراق سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. شائىر 15 يىللىق تۈرمە ئازابىنى تارتقاچقىمۇ، سالامەتلىكىنىڭ سەل ناچارلاپ قالغانلىقىنى بايقىغان ئىدىم. ئۇ دادام بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان. مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى 2007-يىلى بىر توپلام قىلىپ، ‹ھايات دېگەن مانا شۇ› دېگەن نام بىلەن كىرىل يېزىقىدا چىقارغان ئىدىم.»
ئىسمايىل روزىيېف يەنە شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇھەممەتجان راشىدىن ئىجادىيىتىنى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرۇشتا تونۇلغان ژۇرنالىست ئىسمايىل روزىيېفنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى، مۇھەممەتجان راشىدىن ئىجادىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئانا يۇرتىمىز غۇلجادىن ياڭراۋاتقان قەدىمىي ۋە زامانىۋىي ئاۋاز. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھەممە ئىجادىيىتى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىگە، خەلق تۇرمۇشىغا بەكمۇ يېقىن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھېچ قانداق كوممۇنىستىك ئەقىدىلەرگە توغرا كەلمەتتى. خەلقنىڭ غېمىنى قىلغان شائىر دەپ چۈشىنىمەن. شائىر ئىجادىيىتىدە قانداقتۇر بىر يۈكسەك روھ ھەر دائىم مەۋجۇت. بۇ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇھەممەتجان رەشىدىننىڭ «بۇ دۇنيا»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «سەن يوق»، «قانداق قىلارمەن»، «گۈلدەستە»، «خېتىڭ كەلدى، ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ» قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرىغا مۇزىكا يېزىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن تاشقىرى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ كەڭ تارىلىپ، خەلقنىڭ سۆيۈپ تىڭشايدىغان ناخشىلىرىغا ئايلانغانىكەن. ھازىر قازاقىستاندىكى «ياركەنت بۇلبۇللىرى»، «دىيار»، «نۇر» قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي گۇرۇپپىلىرى ۋە ئايرىم ناخشىچىلار ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتىكەن.
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسى، داڭلىق ناخشىچى نۇرئالىم ۋارىسوۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن سەنئەتكارلار، ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ۋاپات بولۇشىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر قايغۇردۇق. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇكى، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجادىيىتىدىن نۇرغۇن ناخشىلار ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن داڭلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر قايغۇرۇپ، تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، ناخشىلىرى ئەۋلادلىرىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ».
ئىگىلىشىمىزچە، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە قاراشلىق ئونىياريۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يېزىدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1955-1958-يىللىرى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىكى تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئاندىن چاپچال ناھىيەسىدە، كېيىن غۇلجا ناھىيەسى ئونىياريۈزى ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىن 1968-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، 1982-يىلغىچە، تۈرمە-سۈرگۈنلەردە ئازاپ چەككەن. 1982-يىلى ئۇ ئاقلىنىپ چىقىپ، بارلىق ئىمتىيازلىرى ئەينىگە كەلتۈرۈلگەن. شائىر غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ مۇئەللىمى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇھەممەتجان راشىدىن 1958-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى، ماقالىلىرى ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە گېزىت-ژۇرناللاردا داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «مۇھەببەتمۇ ئۇلۇق بىر كىتاب»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ۋە «تېنىگەن كۆڭۈل» ناملىق ھېكايە، پوۋېست ۋە ئەسلىمىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.