مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرۇش رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ۋە تېگىشلىك ياردەمدە بولۇش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت پىلانلىرىنىڭ بىرى؛ شۇڭا قۇرۇلتاي ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجاننى ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن.
قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئۆمەرجان 5 كۈندىن بۇيان كابۇل ۋە مازار شېرىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ كاتىپى ئەكبەرجاننىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، ئۆمەرجان ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئومۇمى سانى، نۆۋەتتىكى تىنچ-ئامانلىقى ۋە ئاساسى قىيىنچىلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردىن كۆپ تىللىق ۋە ئالىي مەلۇماتلىق ئەكبەرجان مەرىن ئافغانىستاندىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مەسئۇلى قىلىپ قىلىپ تەيىنلەنگەن. كابۇل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار نىسبەتەن كۆپرەك جايلاردا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇش، قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت نىشانلىرىدىن بىرى.
قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئۆمەرجان ئافغانىستان زىيارىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.