مازارىشېرىپتىكى ئۇيغۇر ياشلار ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشتا، ئۇ جايدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 21 ياشلىق جەمشىت رەھىم غايىب ئوقتا يارىلانغان.

ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان مازارىشېرىپتىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرلۈك خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ كوچىلىرىدا ئوق ئاۋازى بېسىقمايۋاتقان قۇندۇزغا يېتىپ بارغان ۋە يارىدار جەمشىت رەھىمنى مازارىشېرىپتىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن. بۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆمەرجاننىڭ ئافغانىستانغا يېتىپ كەلگەن ئىككىنچى كۈنى بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى كابۇلدىكى پائالىيىتىنى توختىتىپ مازارىشېرىپقا قاراپ يولغا چىققان ۋە يارىدار جەمشىت رەھىمنى دوختۇرخانىدا يوقلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئەكبەر مەرىن ۋە ئابدۇراخمان قاتارلىق ياشلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ياشلار گۇرۇپپىسى ئۇرۇش رايونى قۇندۇز ۋە بەدەخشاندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىكلىرىنى بىخەتەر ۋىلايەتلەرگە كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇلار ھازىرغا قەدەر قۇندۇزدىكى 5 ئائىلىلىك ئۇيغۇردىن 3 ئائىلىنى مازارىشېرىپقا يۆتكىگەن، بەدەخشاندىكى 15 ئائىلىلىك ئۇيغۇرغا، بىر مەھەل ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، مۇۋاپىق پۇرسەتتە يۆتكەشكە ھازىر بولۇشنى تاپىلىغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.