ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىگەن ئاخبارات ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، 1995 - يىلى تۇنجى ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى مەلۇم بولغاندىن 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار 40122.
مۆلچەردىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھايات يۇقۇملانغۇچى تەخمىنەن 60 مىڭ بولۇپ سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى بولسا ئەيدىز نىسپىتى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ تېز بولۇپ كېلىۋاتقان شەھەردۇر. 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن بايقىلىدىغان ئەيدىز بىمارىنىڭ سانىنى 2010 - يىلىدىكىدىن % 25 ئازايتىش، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى %30 گە چۈشۈرۈش، ئەيدىز بىمارى سانىنى 30 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى «12 - بەش يىل» لىق نىشانى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دىققىتىڭىزدا بولسۇن.
يارپ تورىنىڭ 26 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1995 - يىلى بايقىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2012 - يىلى 30 - سېنتەبىرگىچە،HIV بىلەن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى 11 مىڭ 229 غا يەتكەن.
نۆۋەتتە. پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى 7000 دىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دۇنيادىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا ھازىر بار بولغان ئەيدىز بىمارى 780 مىڭ بولۇپ، شىنجاڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەركىزى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە داۋالىنىۋاتقان ئەيدىز ئاغرىقى ئەڭ كۆپ دوختۇرخانا ئىكەن. بۇ دوختۇرخانىدا 10 يىلدا 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ئەيدىز ئاغرىقى داۋالانغان، يېتىپ داۋالانغان ئاغرىقى 16 مىڭدىن ئاشقان، ھازىر 180 دىن ئارتۇق ئەيدىز ئاغرىقى شۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لى مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دوختۇرخانا 2004 - يىلىدىن باشلاپ ئەيدىز كېسىلىنى كىلىنىكىدا داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىغا ئايلانغان، بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن مۇرەككەپ، قىيىن كېسەللىك ۋە خەتەرلىك باسقۇچىقا چۈشۈپ قالغانلارنى داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىغان ئاغرىقلارنىڭ %60 ى ئۈرۈمچىلىك ئىكەن.
يارپ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق 6 - دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 3 - بۆلۈمىدىن مەسئۇل ۋراچ خالمۇرات ئابدۇسالامنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىگە قارىغاندا، ھازىرغىچە بايقالغان ئەيدىز بىمارلىرىدا كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك كېسەللىك 36 - 37 خىل. بۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى ھەر قايسى يۇرتلاردىن داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەنلەر. ئەڭ كىچىك بىمار ئىككى يېرىم، ئۈچ ياش ئەتراپىدا، ئەڭ چوڭ ياشتىكىلىرى 76 - 77 ياشتا. يېقىنقى بەش - ئالتە يىلدىن بۇيان، ئائىلە ئاياللىرى، زەھەر چەكمىگەنلەر، نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان بىمارلىرى كۆپەيدى. بەش - ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا، جىنىسداشلارنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلمىشى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىمارلار كۆرۈلمىگەن، ھازىر ھەر بىر قەۋەتتە ئازدۇر - كۆپتۇر بار.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ مەننىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، تۇبيېركۇليۇز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، يۇقۇملانغۇچى بىمارلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى قىيىنغا چۈشكەن، يۇقۇملانغۇچىلار كەينى - كەينىدىن كېسەللىك پەيدا قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ئېشىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانىمۇ ئېشىشقا باشلىغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا «دۇنيا ئەيدىز كۈنى»نىڭ باش تېمىسىنى «نۆل بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش - ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملىنىش نۆل بولۇش، كەمسىتىش نۆل بولۇش ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نۆل بولۇش» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.بۇ يىل «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن بايقىلىدىغان ئەيدىز بىمارىنىڭ سانىنى 2010 - يىلىدىكىدىن % 25 ئازايتىش، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى %30 گە چۈشۈرۈش، ئەيدىز بىمارى سانىنى 30 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى «12 - بەش يىل» لىق نىشانى پىلانىغا كىرگۈزگەن. پىلاندا سەككىز تۈرلۈك كونكرېت كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. پۈتۈن شەھەردىكى 1 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا ھەمدە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازار سەھىيە تارماقلىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، مېھمانخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا گاندون قويۇشى كېرەك.
دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 100 ى بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىدە «بالدۇر بايقاش، بالدۇر باشقۇرۇش ۋە بالدۇر داۋالاش»قا نىسبەتەن ئاساس سېلىنغان. بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالاھىدىلىكى توغرىسىدىكى يەكۈنى : بىرىنچىدىن، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى نىسپىي مۇقىم، ئېشىش سۈرئىتىدە ئاستىلىشىش كۆرۈلگەن، ئايرىم رايونلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر؛ ئىككىنچىدىن، بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەللىك قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرگەچكە، ئۆلگەنلەر سانىدا ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ ئۈچىنچىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۇش ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئاساسلىق تارقىلىش شەكلى بولغان، زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئەر جىنىسداشلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسپىي تېز بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان شۇنداقلا خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى - «شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى» دىن سۇلتان مەقسەتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تور قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بېرى 16 ياشلىق بالىلاردىن 60 ياشتىن ئاشقان چوڭ ياشلىقلارغىچە تور ئۇچۇرى ياكى تېلېفون ئالاقىسى ئارقىلىق، «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قاپتىمەن، قانداق يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلمەيمەن، قانداق قىلىمەن، نەگە بارىمەن، قانداق تەكشۈرتىمەن» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى مەخسۇس تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە تور مۇنبىرىگە يوللايدىغانلارمۇ ئۇچرىغان؛ ھەتتا، ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى، مۇۋاپىق جورا تېپىشنى ئۈمىد قىلىپ مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ بولغان.
يارپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى ئەخمەت قۇربان «تورداشلارنى بۇ ھەقتىكى چەتئەل، ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن، پايدىلىق سىياسەتلەردىن خەۋەردار قىلىپ، مەسلىھەت بېرىپ تۇرۇۋاتىمىز، شۇنداقتىمۇ يۇقۇۋاتىدۇ، يۇقتۇرۇۋاتىدۇ. بىز توپلىغان نۇرغۇن ئىنكاسلاردىن قارىغاندىمۇ رايونىمىز كىشىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشقا قارىتا يەنىلا «ساۋاتسىز» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مۇھىمى كىشىلەردە ئۆزى ئالدىنى ئالالايدىغان قىممەت ئېڭى، ئەخلاق ئېڭى، ساغلاملىق ئېڭى يېتەرلىك بولغان بولسا، ئومۇمەن ئاڭلىقلىق ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىققا ئايلىنالىغان بولسا ياخشى بولاتتى» دېگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ھازىر ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا تارقىلىشقا يۈزلەندى. بىر جەمئىيەتتە كېسەلنىڭ تارقىلىش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا يۇقۇملىنىش ئېھتىمالىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كېسەلنى تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىش پەقەت مۇناسىۋەتلىك ساھە ۋە خادىملارنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس. ھەر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيتىمىز بار، ئەلۋەتتە. بارلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىڭ. باشقا تور بەتلەردە بولسۇن، رېئال تۇرمۇشتا بولسۇن، ئەيدىز ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىزنى كەڭ تەشۋىق قىلىڭ، يولدىن ئازغان تونۇش - بىلىشلىرىڭىزنى ياخشى يولغا يىتەكلەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ يەنىلا ئۆزىڭىز ئۈچۈندۇر.
0:00 / 0:00