ئالماتادا ياش‏-ئۆسمۈرلەرنىڭ بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

8-مايدا ئالماتا شەھىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىك 12-قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسى ئاياقلاشتى. مۇسابىقىنى قازاقىستاننىڭ «دىنامو» تەنھەرىكەت جەمئىيىتى، ئالماتا شەھەرلىك ھاكىمچىلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ قازاقىستان ۋەتەن ھىمايىچىلىرى كۈنى ھەم سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنىڭ 72 يىللىقى، شۇنداقلا ئۇرۇش قەھرىمانى مەسىم ياقۇپوف خاتىرىسىگە بېغىشلاندى. بەش كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر مۇسابىقىگە 300 دىن ئوشۇق قىز-يىگىت قاتناشتى. بوكسچىلار ئاساسەن ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ، شۇنداقلا تالدىقورغان، تاراز شەھەرلىرىنىڭ ھەر خىل بوكس كۇلۇبلىرىنىڭ ۋەكىللىرى.

مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى رەھىم سىدىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق مۇسابىقىلەر ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. دەسلەپ قېتىم بوكس مۇسابىقىسى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن. ر. سىدىقوف مەزكۇر مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى نۆۋەتتە، بالىلار ئارىسىدا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى بىلىش، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قاراش، ئۇرۇشتا بولغان ئاتا-بوۋىلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇلارنى ئۇنتۇماسلىق ئوخشاش ئىشلارنى تەشۋىق قىلىش. شۇنداقلا بىز بۇ ئارقىلىق بالىلارنى يامان ئادەتلەردىن ساقلاش ھەم جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ پۇقرالىرى قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئوخشاش مەقسەتلەرنىمۇ كۆزلەۋاتىمىز. بىز ئالماتا شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە "تەنھەرىكەتكە يول" پروگراممىسى بويىچە مەجرۇھ بالىلارغا، يىتىم-يېسىرلارغا، تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە بېغىشلانغان خەيرىخاھلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. كۆپىنچە ئەنە شۇنداق ئائىلىلەردىن داڭلىق بوكسچىلار چىقىدۇ. مەسىلەن، ئالماتالىق ۋالېرىي راچكوف دۇنيا چېمپىيونى بولغان تۇنجى قازاقىستانلىق بوكسچى بولۇپ، ئۇ يىتىم بالىلار ئۆيىدە تەربىيىلەنگەن. مۇنداق بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تەر تۆكۈپ، ئەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىدۇ.»

ر. سىدىقوف مەزكۇر مۇسابىقىگە كۆپلىگەن داڭلىق بوكسچىلارنىڭ مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر بوكسچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى قېتىملىق چېمپىيونى ئاتالغان ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوفنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

قازاقىستانلىق بوكسچىلار ئىچىدىن بىرىنچىلەردىن بولۇپ «خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى» ئاتالغان ئا. ئابدراخمانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ياش بوكسچىلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەممە نەرسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىق. ھازىر كۆرۈۋاتىمىزكى، تەبىئىتىدىن تالانتلىق بالىلار ئۆسۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ترېنېرلارغىمۇ باغلىق. ئۇلار بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ياخشى بىلىشى، چۈشىنىشى كېرەك. بالىغا باشتىنلا دۇرۇس خەت يېزىشنى ئۈگەتمىسە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خەتنى ئەسكى يازىدىغان بولىدۇ. بوكسمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بوكس مەكتىپى لازىم.»

ئالماتادا ئۆتكەن مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىنمۇ كۆپلىگەن ياش بوكسچىلار قاتناشتى. ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ پالتىۋاي يېزىسىدىكى بوكس كۇلۇبىنىڭ ترېنېرى پەرھات روزىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىن 15 ئادەم قاتنىشىپ، ئۇلاردىن 36 ۋە 40 كىلوگرام سالماقتا ئىككىسى ئۈچىنچى، ئىككىسى ئىككىنچى ئورۇننى ئېگىلەپ، ئىككى بوكسچى چېمپىيون ئاتالدى. ئۇ مۇسابىقە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدىن ئالغان تەسىرات ئىنتايىن يۇقىرى، يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئادىل باھالاندى. بۇ مۇسابىقە ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى خاتىرىسىگە بېغىشلانغان، چۈنكى بىز مۇشۇنىڭ بىلەن ياشاۋاتىمىز. بىز مەسىم ياقۇپوف ئوخشاش قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. مەن شۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقىنىدىن خۇشالمەن. مەن شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىگە كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەنمەن. بالىلارغا ترېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمغا توققۇز يىل بولدى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزدىن سەككىز بالا قازاقىستان بويىچە ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئالدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى بار.»

ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدىن 12 بوكسچى كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ترېنېرى نۇرئەخمەت رازىيېف ئالتە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۈچىنچى ئورۇننى، بىر بوكسچىنىڭ ئىككىنچى ئورۇننى ئېگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز يېزا بالىلىرىنى بوكسقا چاقىرىمىز. بىزدىنمۇ ياخشى بوكسچىلار چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن، "ئاستانا ئارلانس" كۇلۇبىدىن دىلمۇرات مىجىتوف چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۈمىدىمىز ئەنە شۇ. بىز ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئولىمپىك، دۇنيا چېمپىيونلىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىۋاتىمىز. مەن قاراتۇرۇق يېزىسىدا 2000-يىلدىن باشلاپ بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈۋاتىمەن. يىگىرمە نەچچە بالا بار. ئۇلار ئوبلاست، جۇمھۇرىيەت بويىچە ئورۇنلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.»

ن. رازىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ كۇلۇبىدا ئون ياشتىن ئون بەش ياشقىچە بولغان بالىلار تەربىيىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەنھەرىكەتنىڭ ئۇشۇ-سەندا، كىك-بوكس، يەكمۇ-يەك كۈرەش ئوخشاش تۈرلىرىدىنمۇ تالانتلىق بالىلار يېتىلىپ چىقىۋاتماقتا. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر مۇسابىقىگە كەلگەن داڭلىق ئۇيغۇر بوكسچىسى ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوفقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن مۇكاپاتلار ئېلىپ، بۇنىڭدىن قاتتىق پەخىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.