127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت ئانا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە


خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 127 ياشلىق خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئالمىخان سېيىتنىڭ ئانىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا جىنس رېكورتىغا ئۆزىنى ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

شۇ كۈنى ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ئاسىيا خەۋەرلىرى قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئالمىخان سېيىت ئانىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدا بەس مۇنازىرىلەر باشلاندى.

مەزكۇر پروگراممىدىن ۋاقىپ بولغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم 127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت ئانىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنغان خەۋىرىدە ئالمىخان سېيىت ئانىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ياپونلاردا ياپونلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىدەك ئادىتى ياپونلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان ياپونىيەلىك ياماگاجو ئەپەندىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئانام ھازىر سەكسەن بەشتىن ياشتىن ئاشتى، ئەمما پەقەتلا گۆش ئىستېمال قىلمايدۇ. ياپونىيەدە ئادەتتە كىشىلەر يېشى ئەللىكتىن ئاشقاندىن كېيىن گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە كۆپرەك يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما 127 ياشلىق ئۇيغۇر ئانىنىڭ گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى بەلكىم شۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋال ياپونلار ئۈچۈن تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىدىغان «ئەرەب خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى سانىدىكى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چارشەنبە كۈندىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنغان خەۋىرىدە، خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئۇيغۇر ئايال ئالمىخان سېيىت شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستانغا يېقىن چېگرا رايونى قەشقەردە تۇغۇلغان. بۇ يىل 127 ياش. ئۇ، 1886-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان. دېيىلگەن.

«ئەرەب خەۋەرلىرى» گېزىتىدە شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئېلىنغان،«ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىت گروۋېر كلېۋېلاند ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولغان، ۋىليام گلاندستون ئەنگلىيەگە باش ۋەزىر بولغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ» دېگەن نەقىلمۇ كۆرسىتىلگەن.

ئەرەب خەۋەرلىرى گېزىتىدە:«خىتايدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر ئادەتتە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. سەۋەبى ئۇلاردا ئىشەنچلىك مەنبە يوق. خىتاي دۆلىتىدە پەقەت 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىنلا ئۇلاردا تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسپاتنامە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويغان» دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە:«خىتايدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئالمىخان سېيىت ئانىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى شىنجاڭغا ياقۇب بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، شۇنداقلا رۇسىيە شىنجاڭنىڭ بىر قىسمىنى باشقۇرۇۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ» دېيىلگەن.

خىتايدا چىقىدىغان «جەنۇبىي شەھەر پوچتىسى» خەۋىرىدىمۇ،127 ياشلىق خىتايدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئۇيغۇر ئانا ئالمىخان سېيىتنىڭ ئۆزى جەمەتىنىڭ 56-ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ياز ۋە قىش سوغۇق سۇ ئىچىدىغانلىقى، گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقى، سودا-سېتىق قىلىش، بازارغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئالمىخان سېيىت ئانىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا ئوت ئۈزۈش ۋە باللارغا قاراشتەك ئائىلە ئىشلىرىدىمۇ جانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە دۇنيا جىنس رېكورتى كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى چارلېس،«ھازىرچە ئالمىخان سېيىتنىڭ جىنس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىمىز. جىنس رېكوتىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردىن فرانسىيىلىك جېاننې چالمېنت بولۇپ، ئۇ 122 ياشتا ئىدى. ھازىرچە جىنس رېكورتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ۋە ھايات كىشى ياپونىيىلىك 115 ياشلىق مىساو ئوكاۋا خانىم. شۇڭا بىز ھازىرچە ئالمىخان سېيىتنىڭ ئۆمۈرنىڭ توغۇرلىقىنى تۇرغۇزۇشقا ئامالسىز، بىز ئالدى بىلەن تېزلىكتە ئۇنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايمىز،"دېگەن.

ئىرېلاندىيە چىقىدىغان « ئىرېلاندىيە ۋاقىت» گېزىتىدە: «127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش خەلقئارا جىنس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلدى. ئۇ خىتايدىكى شىنجاڭنىڭ قەشقەر دېگەن يېرىدە، چىڭ سۇلاسى دەۋرىدە تۇغۇلغان 17 يېشىدا ياتلىق قىلىنغان ھازىرچە 40 نەچچە نەۋرىسى بار. سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، ناخشا ئاڭلاش ۋە چاقچاقنى ياخشى كۆرۈشى ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى بولسا، يەنە بىر سىرى ئۇنىڭ باللارنى ياخشى كۆرۈشىدىن بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇندىن باشقا چەتئەلدىكى كەپلىگەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئالمىخاننىڭ يۇرتى قەشقەرگە بېرىپ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى زىيارەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئانا ئالمىخان سېيىتنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.