ئالماتادا چېرنوبىل ئاتوم ئاپىتى قۇربانلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2016.04.26

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 30 يىل مۇقەددەم، يەنى 1986 - يىلى 26 - ئاپرېلدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىيىسىنىڭ 4 - ئېنېرگىيە بۆلىكىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىنتايىن كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار مۇھىتقا تاشلانغان ئىدى. بۇ شۇ چاغدا ئاتوم ئېنېرگىيەسى تارىخىدىكى دەسلەپكى ئەڭ كۈچلۈك ئاپەت بولۇپ، ئۇنى يوقىتىشقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىدىن 600 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم سەپەرۋەر قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون بەش جۇمھۇرىيەت ۋەكىللىرىدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر، تاتار، باشقۇرت، تۈرك ئوخشاش مىللەتلەرمۇ بولدى. شۇنىڭدىن بېرى ئوتتۇز يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، چېرنوبىل ئاپىتى قاتناشقۇچىلىرى ئەنە شۇ دەھشەتلىك پاجىئەنى ئەسلەش ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساۋاق بولۇش مەقسىتىدە ھەر يىلى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى.
26 - ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ بايتۇرسىنوف نامىدىكى باغچىسىدا چېرنوبىل ئاتوم ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرىغا بېغىشلانغان يادىكارلىقنى ئېچىش مۇراسىمى بولدى. ھەيكەلتاراش قازبېك جارىلقاسوف ياسىغان مەزكۇر يادىكارلىقنى ئېچىشقا چېرنوبىللىقلار، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرت - جامائەتچىلىك قاتناشتى. مۇراسىمنى كىرىش سۆز بىلەن ئاچقان ئالماتا شەھىرى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى رۇمىل تائۇفىكوف 30 يىل ئىلگىرى دەھشەتلىك پاجىئە يۈز بېرىپ، ئۇنى يوقىتىشقا مەملىكەتنىڭ بارلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنى ئاتوم زەھىرىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىمۇ توسۇپ ئالالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، چېرنوبىل قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى يۇقىرى باھالىدى ۋە ئۇلارنىڭ جاسارىتى بىلەن مۇشۇ كۈنگىچە مەغرۇرلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان چېرنوبىل ۋە يەرلىك ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستان ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى رەھىم ئابدۇكەرىموف، رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى باش كونسۇلىنىڭ ئورۇنباسارى مارىنا ليۇكىنا، ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالماتا شەھەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېرېنگايىپ شايخۇتدىنوف، ئافغانىستان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئىگور بېرېژنوي چېرنوبىل ئاتوم ئاپىتىنى يوقىتىشقا قاتناشقانلارنىڭ قەھرىمانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ پاجىئەنىڭ پۈتكۈل ئادەمىزاتقا قىلىنغان چوڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق ئاپەتلەرگە يول قويماسلىقنىڭ ھەر بىر قازاقىستانلىقنىڭ ئىنسانىي بورچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار چېرنوبىللىقلارنىڭ شۇ چاغدا بۇ ئاتوم زەھىرىنىڭ پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپاغا قاراپ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
چېرنوبىل ئاپىتىنى يوقىتىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەركى بىلەن بۇ خەتەرلىك ئىشقا ئاتلانغان بولسا، بەزىلىرىنى ھەربىي كومىسسارىياتلارغا مەخسۇس چاقىرىق قەغىزى بىلەن چاقىرتقان. بۇ جەھەتتە ئۇلارغا چاقىرىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرمىگەن. بۇلار ئاساسەن ھەربىي خىزمەتلىرىنى ئۆتەپ كەلگەنلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر خىل كەسىپ ئېگىلىرى بولغان.
چېرنوبىل ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتى يەنە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى، بىرىنچىدىن، ئۆز خەلقىدىن، ئىككىنچىدىن، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرغان ئىدى. ئۇكرائىنانىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - ئاپرېلدا ئېلان قىلغان «چېرنوبىل: دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئارخىپلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئەسلىمىلەر» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاناستىيا زانۇدا ئاپەت يۈز بەرگەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا ۋە ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ چېرنوبىل ۋەقەسى ھەققىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتلارنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئاتاپ چىققان:
ئىگىلىشىمىزچە، چېرنوبىل ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئاتوم سىناقلىرىغا قارشى ھەرىكەتلىرى بارا - بارا كۈچەيگەن ئىدى. ئاقىۋەتتە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى قازاقىستاندا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئولجاس سۈلېيمېنوفنىڭ يادرو سىنىقىغا قارشى نېۋادا - شەمەي خەلقئارا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە شەمەي يادرو پولىگونى يېپىلغان ئىدى. بۇ دەۋىردە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لوپنور پولىگونىنى يېپىش ئۈچۈن «نېۋادا - شەمەي» ھەرىكىتى يېنىدا لوپنور كومىتېتى قۇرۇلغان ئىدى. ھۇرقىز ئىلىيېۋا رەھبەرلىكىدىكى بۇ كومىتېت لوپنور يادرو سىناقلىرىنى توختىتىش يولىدا كۆپ ئىشلارنى ئاتقۇردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى دىلشات خاشىموف ئۆزىنىڭ 1998 - يىلى شەھەردىكى ناھىيىلىك ھەربىي كومىسسارىياتتىن ئاتلانغانلىقىنى، دەسلەپتە قازاقىستاننىڭ سېلىنوگراد شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ يەردىن بېلورۇسىيەنىڭ گومېل شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ بىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز چاقىرىلغاندا بىزنىڭ ئالماتادا ئىش جايىمىز، ئائىلىمىز، بالا - چاقىمىز بولۇش كېرەك، دەپ ھېسابلاپ، ئوتتۇزدىن ئاشقان بالىلار كەتكەن. قازاقىستان بويىچە 31700 ئادەم چاقىرتىلغان. ھازىر 5000دىن ئارتۇق ئادەم قاپتۇ. ئالماتانىڭ ئۆزىدىن چاقىرىلغانلار 5000 نەچچە يۈز ئادەمدىن قالغىنى 350 ئادەم. ھەممىسى زەخمىلەنگەن.»
د. خاشىموفنىڭ ئېيتىشىچە، چېرنوبىلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنى 1989 - ۋە 1990 - يىللاردا ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خېلىلا يېنىكچىلىكلەر بېرىلگەن ئىدى. ئۇلار سېلىق، يول ھەققى، ئالاقە ئۈچۈن ھەر خىل تۆلەملەردىن ئازاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ پەقەت سوۋېت ھاكىمىيىتى غۇلىغانغا قەدەر مەۋجۈت بولغان.
1986 - يىلى يۈز بەرگەن چېرنوبىل ئاتوم ئاپىتىنى يوقىتىشقا د. خاشىموفتىن باشقىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى قاتناشقان ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن، پانفىلوف، ئۇيغۇر، چېلەك، تالغىر، خەشكىلەڭ ۋە باشقىمۇ ناھىيىلەردىن بولۇپ، ھەر يىللىرى چاقىرتىلغان. مەسىلەن، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىدىن كەرىمجان ھېكىموف، ئالماتا شەھىرىدىن كەرىم ئايۇپجانوف، ئابدۇۋايىت ئابلېسېنوف، پەرھاتجان تايىروف، شېرىپجان رۇزىيېف، ئابلىمىت رۇزىيېف، دىلشات خاشىموف ۋە باشقىلار بولغان ئىدى.
1987 - يىلى تالدىقورغان ۋىلايىتىنىڭ قاراتال ناھىيىسىدىن چاقىرتىلغان كەرىمجان ھېكىموف چېرنوبىلغا قانداق قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز 45 ئادەم خىزمىتىمىزنى قىلىپ، قايتىپ كەلگەن. بىزنى شوپۇر بولىسىلەر دېگەن، ئامما شوپۇرلۇق ئوقەت قىلمىدۇق. بىزگە گۈرجەك بېرىپ، يەر كولىدۇق. بىز يوغان بىنالارنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ، يۇيۇپ - تازىلاپ، قارا قەغەزلەرنى ئويۇپ چىقىراتتۇق. ئاندىن ئېلېكتىر ئىستانسىيىسىنىڭ سىملىرىنى كولاپ چىقىراتتۇق.»
ك. ھېكىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى پەقەت قايتقاندىلا دوختۇرلار تولۇق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ شۇنداقلا بۇ ۋاقىت داۋامىدا ئادەتتىكى جەڭچىلەر تامىقى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى، دايىم ھەربىيچە كىيىمدە يۈرۈپ، ھەربىي ئىنتىزام بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 3 - گۇرۇپپا پېنسىيە پۇلى ئالىمەن. پېنسىيە پۇلى يەتمەيدۇ. ھازىر ئاغرىقچان. ئاساسەن يۈرەك بىلەن باش ئاغرىيدۇ. ئالماتادا ئارىلىشىۋاتقان بالىلاردىن كۆپى ئۆلۈپ كەتتى.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چېرنوبىل ئاتوم ئاپىتى يۈز بېرىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپلىگەن مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىسسىيىلىرى قۇرۇلغان ئىدى. نەتىجىدە ئاتوم ئىستانسىيىسى پارتلىشىنىڭ بىر قاتار سەۋەبلىرى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئامما ئۇلار ھازىرغىچە مۇتەخەسسسىلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىشلار تۇغدۇرماقتا.