ئەنىۋەر توختى ياپونىيەدە خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بەردى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.04.24
anwar-tohti-yaponiye ئەنۋەر توختى لېكسىيە مەيدانىدا
RFA/Qutluq

23-ئاپرېل توكيودىكى بۇنكيو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا « خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلدى. پائالىيەتكە ئاساسلىقى توكيودىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىگە قىزىققۇچى كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. ھازىر ئەنگىلىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەنىۋەر توختى 16-ئاپرېل كۈنىدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوشىما، ھىروشىما، ناگويا ۋە فۇكۇئوكا قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش تىجارىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈن توكيودىكى بۇنكيو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا « خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا دوكلات بەردى.

ئەنىۋەر توختىنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالدى بىلەن ئەنىۋەر توختىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن 1988-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن بۇيانقى خىتاينىڭ قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش تىجارىتى توغىرىسىدا ئامېرىكا، ياۋروپا پارلامېنتى، كانادا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىغا قاتناشقانلىقى شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشلىرى توغىرىسىدا توختالدى.

دوكلات باشلىنىشىدىن ئىلگىرى يىغىن ئەھلىگە يەنە، بىر قانچىلىغان دۆلەتلەردىكى ئادۋوكاتلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن  خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ھەققىدىكى ئەنگلىز تىلىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ئەنىۋەر توختى دوكلاتىدا خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ئادەم ئورگانلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى  ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادەم  ئورگانلىرىنى  سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنىۋەر توختى دوكلاتىدا يەنە، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان  فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ 1999-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى ھەققىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە ئەنىۋەر توختىدىن كېيىن، سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ھەرىكىتىنى توختىش خەلقئارا ئۇيۇشمىسى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سۇرۇتا يۇكارى خانىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ مەسىلىگە ياپونىيە جامائىتىنىڭمۇ جىددىي ھالدا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىشىنى سورىدى.

ئەنىۋەر توختىنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلدى.

بىز مەزكۇر دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،  بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ياپونلاردىن تاكاشى ساتو ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاكاشى ساتو دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: « بىز ياپونلار ئىلگىرى خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ھەرىكىتىدە پەقەتلا فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتىمىز بولغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىمقى دوكلات ئارقىلىق بىز خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى سېتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتلىق دوكلاتنى ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق» دېدى.

دوكلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن گۈلىستان ئەزىزى بىر قىسىم ياپونلارنىڭ دوكلاتدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ھەرىكىتىنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غالىپ مىجىت بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار ۋە ياپونلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغىرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەنىۋەر توختى ئۆتكەن يىلى ئۇدا ئۈچ قېتىم ياپونىيەگە كېلىپ، خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش توغىرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ھەرىكىتىنى توختىتىش خەلقئارا ئۇيۇشمىسى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ياپونىيەدىكى بەش چوڭ شەھەردە جەمىي ئالتە قېتىم دوكلات بەرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.