بالىلارنىڭ كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئىشلىشىنى نازارەت قىلىش
2013.09.19
كومپيۇتېر بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئوڭايلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا كومپيۇتېر ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش، ھەرخىل مەلۇماتقا ئىگە قىلىش، ئىزدىنىش روھىنى ئويغىتىش جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق بىر مۆجىزە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتقا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بېرىلىپ كېتىشى، ئۇنى ئاتا-ئانىنىڭ نازارىتىسىز قوللىنىشى ۋە كېرەكسىز ئىشلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىشى نەتىجىسىدە، پىسخىكىي ۋە ئىجتىمائىي مۈشكۈلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
بولۇپمۇ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تور بەتلىرىگە كىرىشى، قورقۇنچلۇق ۋە ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرۈشى، كۈن بويى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىشى نۇرغۇنلىغان بولۇمسىزلىقلارغا يول ئاچماقتا. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
يېقىندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىققان «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىش مەسىلىسى توغرىلىق مۇنداق دەپ يازىدۇ:«بالىلارنى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشتىن مۇتلەق توسۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭدىن باشقا قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشتىن مۇتلەق توسماستىن ۋە كونترولسىزمۇ قويۇپ بەرمەستىن، ئۇلارنى نازارەت قىلىش كېرەك. بۇ ماۋزۇدا تۆۋەندىكىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
1. ئالدى بىلەن بالىلارغا كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتنىڭ پايدا- زىيانلىرى توغرىلىق يېتەرلىك مەلۇماتلارنى بېرىش، بۇ ئىككىسىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ ئىشلىتىشنىڭ خەتىرىدىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئەدەپ-ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تورلارغا كىرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
2. بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەپ، شۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش لازىم.
3. بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئۇخلاش، كومپيۇتېر ئويناش ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن بالىلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس بىر جەدۋەل تۈزۈش لازىم. جەدۋەلنىڭ تەرتىپىدە بالىلارغا كومپيۇتېر ئويناش ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى بولۇشى ياخشى. چۈنكى، ناۋادا ئۇلارغا «ئاۋۋال ئۆگىنىشىڭنى قىل، ئاندىن كومپيۇتېر ئويناشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولىدۇ» دېيىلسە، ئۇلار ئالدىراپ ئۆگىنىشنى يېرىم-يارتا قىلىپ تۈگىتىدۇ.
4. ئاتا-ئانا بالىلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشى لازىم. چۈنكى ئاتا-ئانا بۇنى بىلمىسە بالىلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆزىتەلمەيدۇ، ئۇلارنى كونترول قىلالمايدۇ.
5.كومپيۇتېرنى بالىلارنىڭ ياتىقىغا ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئۆيدىكى ھەممە ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ھەممەيلەن كۆرەلەيدىغان شەكىلدە ئوچۇق تەرەپكە قارىتىپ قويۇش.
6. ئاتا-ئانا ئۆزلىرى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشتە بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى لازىم. بالىلارغا سەلبىي تەسىر بېرىدىغان شەكىلدە قوللانماسلىقى لازىم.»
بالىلار قانداق يانفونلارنى ئىشلىتىشى كېرەك؟
مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«يانفون ئەسلىدە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى بولسىمۇ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردە يانفون خەۋەرلىشىشتىن كۆپرەك باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. بالىلار نېمە ئۈچۈن يانفون ئىشلىتىشكە قىزىقىدۇ؟ چۈنكى يانفونغىلا ئەمەس، بەلكى بالىلار ھەرقانداق بىر يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ ۋە قىزىقىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
يانفون ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى پايدىلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. بالىلار ئۈچۈن بولسا يانفوننىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ بار، سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار. ئەمما سەلبىي تەرەپلىرى ئىجابىي تەرەپلىرىدىن كۆپرەك بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە بالىلارغا -ئەگەر ئېھتىياج تۇغۇلسا- ئالاقىلىشىشتىن باشقىسىغا يارىمايدىغان ئاددىي يانفون ئېلىپ بېرىش ۋە كىملەر بىلەن خەۋەرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈمىدى بىلەن پات-پات ئۇلارنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم.»