بېلگىيەدىكى بوكس ماھىرى فارۇق ياۋروپا چېمپىيونلۇق تاللاش مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى يەڭدى

0:00 / 0:00

بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر بوكس ماھىرى فارۇق قۇربانوف 5-ئاينىڭ 14-كۈنى بېلگىيەنىڭ ۋېرۋىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا تاللىنىش مۇسابىقىسىدە ۋىنگىرىيەلىك ماھىر كاسساي ئىگناسنى ئىككىنچى مەيداندا يېڭىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يەنە بىر بەلۋاغقا ئېرىشكەن. قاپىقى يېرىلغان كاسساينىڭ تېرنېرى ئاق لاتا چىقىرىپ مۇسابىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بوكس ماھىرى فارۇق بۇلتۇر 9-ئايدا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تاللاش مۇسابىقىسىدە 60 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە مەيدانغا چۈشۈپ، 11 نەپەر ماھىرنى ئارقا‏- ئارقىدىن يېڭىپ 1-لىككە ئېرىشىپ، ياۋروپا بويىچە تاللاش مۇسابىقىسىگە تاللانغان ئىدى.

بىز فارۇق قۇربانوفنى مۇسابىقىدىن كېيىن تەسىراتىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ سۆزىدە :« ئالدى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا كەلگەن ۋە كېلەلمىسىمۇ مېنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا مەدەت بەرگەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم، لېكىن مۇسابىقىگە بىر ھەپتە قالغاندا، مۇسابىقە ئوينايدىغان ئەسلى رەقىبىم ئىسپانىيەلىك ماھىر بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋىنگىرىيەلىك ماھىر بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغىنىمنى بىلدىم. بۇ ماھىر سولخەي بولغاچقا مەن مۇسابىقە تاكتىكامنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇم، مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى مەيدانىدا تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن رەقىبىمنىڭ سول قېشىنى يېرىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ تېرنېرى ئاق لاتا چىقىرىپ مۇسابىقىنى توختاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەڭدىم» دېدى.

مۇسابىقىگە مەيدانىدا فارۇق ئۈچۈن مەدەت بەرگەن ئۇيغۇرلاردىن ساقىيوف قۇربان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەيداندىكى تەسىراتىنى ئىپادە قىلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فارۇقنىڭ بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر بوكس ماھىرى فارۇق قۇربانوف بۇ يىل 11-ئايدا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە ماھىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن.