دېھقان: ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسى داۋالاشنى كېچىكتۈرمەكتە

خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇلتۇردىن باشلاپ، تۆۋەن كىرىملىك، بەشتە كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى ئېغىر كېسەللەر داۋالاش ياردىمى بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسى بويىچە، داۋالاش چىقىمىنىڭ 70% ئىنى ئاتچوت قىلىدىغان 30% ئىنى داۋالاش ياردەم پۇلى بىلەن تۆلەپ بېرىدىغان قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا تەشۋىق قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتنىشىش نىسبىتى ھازىر 99.7% كە يېتىپ خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىغا ئۆتكەن. گەرچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەت ئەسلى داۋالىنىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئاساسىي قاتلاملاردا، داۋالاش كاپالەت سەۋىيىسىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ، داۋالىنىشنىڭ قىيىنلاشقانلىقىدەك تەتۈر تاناسىپ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئېيتىلىۋاتقان ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە داۋالىنىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ شىنجاڭ گېزىتىگە خەۋەر بېرىشىچە، بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قىيىنچىلىقى بار 3 مىليون 188مىڭ 200 كىشى بۇ سىياسەتتىن نەپ ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېزىلاردا يولغا قويۇلغان يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا 1مىڭ 69 ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى بولۇپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاساسى دورا تۈزۈمىنىڭ تولۇق قاپلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ۋە تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى ئاساسىي قاتلامدا داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دەپ كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، رادىئومىزغا دەل بۇ ھەمكارلىشىپ داۋالاش ھەققىدە ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسىنى داۋالىتىش يولىدا قاتمۇ- قات توسۇقلارغا ئۇچراپ، ئانىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ۋاقتىدا داۋالىماسلىق سەۋەبلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن ئۈرۈمچىگە ئانىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ دېھقان،ئاساسىي قاتلامدا ھەمكارلىشىپ داۋالاش كىنىشكىسى ئارقىلىق ئانىسىنى داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرەلمىگىنى ئۈچۈن، ئاران ئېچىۋالغان ئاشخانىسىنىمۇ تاقاپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ئۈرۈمچىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئانىسىنى داۋالىتىشقا مەجبۇر قالغان ئىكەن.

ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاس ۋە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شەھەرلىرى بىلەن يېزىلارنىڭ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ داۋالاش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىسىدە زور پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان خەلقنى داۋالاشنى قۇلايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شىمالىدىكى شەھەر، ناھىيىلەردە ھەقىقىي ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

شىنجاڭ رادىئو تورىنىڭ 4-فېۋرال خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، قۇتۇبى ناھىيىسىدە «ئاۋۋال داۋالاپ، ئاندىن ھەق تۆلەش» مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى سۇ خەييەن جىددىي خاراكتېرلىك ئۆچەي ياللۇغى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. ئۇ مۇخبىرغا «ئاۋۋال داۋالاپ، ئاندىن ھەق تۆلەش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدۇق. مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى قۇلاي بولىدىكەن، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئالدىن پۇل تۆلەپ ئاندىن داۋالىغان بولسا، كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولاتتى» دېگەن.