ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە تور بەتلىرىدە بىر مەھەل ئاكتىپ سۆھبەت تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان خوتەن قاراقاشتىكى مەجبۇرىي دەرەخ كېسىش ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا كېلىپ چىقىۋاتقان ئەھۋاللار، شۇنداقلا تورلاردا تارقالغان «قاراقاش ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت» قاتارلىقلار خوتەن ۋادىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى قىسمەن يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. گەرچە يەرلىكتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەلق كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈرگەن بۇ ۋەقەنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى» دەپ قارىلىۋاتقان خوتەن ۋادىسىنىڭ تەبىئىي شارائىت جەھەتتىكى چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈشتە كۆپىنچە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى بۇ خىل ئومۇمىي نامراتلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، مۇشۇ خىلدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ساقلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ھەمدە يەرلىك تەرىپىدىن ھەرقاچان «يېشىل سېپىل» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورمان بايلىقىنىڭ «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى» دېگەن نامدا پىلانسىز كېسىلىۋاتقانلىقى 2016-يىلى 20-ئاپرېلدا تورلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان «قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمغا ئوچۇق خەت» تە تەپسىلىي ئاشكارىلانغان ئىدى.
«ئوچۇق خەت» تە يېزىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىدىكى تىكىلگىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان ئېگىز دەرەخلەر «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» ۋە «باغ، ھويلا ئارام ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن كېسىپ تاشلانغان. كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك نارازى بولغىنى كېسىپ تاشلانغان دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا تىكىلگەن مېۋە كۆچەتلىرىنىڭ چوڭىيىپ راۋۇرۇس دەرەخ ھالىتىگە يېتىشكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە خوتەن بوستانلىقىنى يالماپ كېلىۋاتقان تەكلىماكان چۆلىنىڭ نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەرنى يۇتۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇرچە توربەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى جۈرئەت ئۆزىگە يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەتنى كۆرگەن ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن «باغداش» تورىدا كەڭ تورداشلارغا «ئوچۇق جاۋاب خەت» يېزىپ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ھەمدە مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز بۇ مەسىلىنىڭ قايسى دەرىجىدە ھەل بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئاۋۋال قاراقاش تەۋەسىدىكى بىرنەچچە يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقانلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئۆتكەن ئايدا مەتبۇئات يۈزىگە چىققان «مېۋىسىز دەرەخلەرنى كېسىپ مېۋىلىك باغ-ۋاران بىنا قىلىش» دولقۇنىنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېۋىلىك دەرەخ تىكىش دولقۇنىدا ھەرقايسى سۇ ئېقىنلىرى بويىدىكى دەرەخلەر كېسىپ تاشلانغانلىقتىن ئۆستەڭلەردە يار ئېلىپ كېتىش ۋە تۇپراقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئەگەشمە ئەھۋاللار كېلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن چۆللىشىپ كېتىش ھادىسىسىگە تېخىمۇ چوڭ يوچۇق ئېچىلغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيىسى زاۋا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇردۇق. نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان كىشى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، تەپسىلاتىنى ناھىيىدىن ئىگىلىشىمىزنى ئېيتتى ھەمدە قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
خوتەن تەۋەسىدە «دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش» دېگەن نامدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دەرەخ كېسىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، شۇنداقلا دەرەخلەرنىڭ كۆپلەپ كېسىلىپ كېتىشى ئارقىسىدا توپا يېغىش ھادىسىسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويۇلۇۋاتقان «كىچىك ئالما» ناخشىسىنىڭ خوتەن تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان خوتەن ۋارىيانتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇنىڭدا خوتەندىكى توپا يېغىشنىڭ يامغۇر يېغىشتىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقى ئالغا سۈرۈلۈپ، خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي يولغا قويۇلۇۋاتقان دەرەخ كېسىش ھەرىكىتىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر تەكلىماكان قۇملۇقى ھەرقايسى بوستانلىقلارنى، جۈملىدىن خوتەن تەۋەسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەرنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بوستانلىقتىكى ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنى يۇتۇپ كەتمەكتە ئىكەن.