ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى بارلىقى بىلدۈرۈلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى.

«خەتەرلىك خىتاي ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەھدىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھراباكېر ئەپەندى ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ قالغانلىقى، بىراق خىتاي مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاينىڭ خەتەرلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئۆزى ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەتكە ئايلاندى. بولۇپمۇ مېۋە - چېۋە، ئوتياش، دېڭىز ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا مۇھىم دۆلەت بولۇپ قالدى. بىراق، يېزا ئىگىلىك ساھەسى پەقەت بازارنىلا قوغلىشىپ، رىقابەتچىلىرىنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئويلاشمايدۇ. خىتاي كارخانا ساھەسى يەنە، دۇنيانى دورا، خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە تايىنىپ قالدى. لېكىن دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سىناق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتتى. ھەيران قالارلىقى، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ 2% دىن ئاز قىسمىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ زور بىخەتەرلىككە ئالاقىدار مەسىلە. چۈنكى خىتاينىڭ يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى پەۋقۇلئاددە ناچار، دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل گۇمانلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى يىغىن خىتايدا يېڭىدىن بايقالغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ توخۇچىلىق فېرمىلىرىدىن تارقالغانلىقى، شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇ دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىنغان نەچچە مىڭ ئۆلۈك چوشقىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىل كېتىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئوچۇق - ئاشكارىلىق كەمچىل بولغاچقا، مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىققان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سىياسىتى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق ساختا خىتاي مەھسۇلاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. قىسقىسى، خىتاينىڭ سىياسىتى بالىلىرىمىز، ئاتا - ئانىلىرىمىز، بوۋا مومىلىرىمىزنىڭ ۋە ئائىلە ئەرمەك ھايۋانلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. دۆلەت مەجلىسىدىكى سۆھبەتلەر خىتاينىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ، ئۇنىڭ دۇنيا بازىرىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىغا مەركەزلىشىپ قالدى. بىراق پاكىت شۇكى، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان، ئوچۇق - ئاشكارا بولغان ۋە مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى يوق بولۇپ، ئۆز مەھسۇلاتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئامالسىز. بۇ كەمچىللىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، ئاخباراتنى باستۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەن.

يىغىندا خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق خادىمى ۋىللىيام ترېپلېت گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئۇنىڭ ئۆزى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پۈتكۈل دۆلەت سىستېمىسى چىرىكلىشىپ كەتكەن بولۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەس.

ئۇ: بايلار خىتايدىن كۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ نېمىشقا كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سورىغانلارغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر مەسىلە، خىتاي كوممۇنىستىك ئەمەلدارلار ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق خىزمەت بىنالىرىغا ئالاھىدە ھاۋا سۈزگۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلغانغان ھاۋادا نەپەس ئېلىشتىن ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەن بۇنىڭ بىزگە ئالاقىدار مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىق مەسىلىسىنى ئۆزۈمنىڭ ماقالەمدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان خىتاي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار ئېكسپورتى ھەر يىلى 500 مىليون دوللاردىن ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆي قۇشلىرىنىڭمۇ ئېكسپورتى ئېشىپ بارماقتا. بۇ يەردىكى سوئال خىتاي بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلالامدۇ؟ مېنىڭچە خىتاينى يېقىندىن تەتقىق قىلغان ھېچقانداق كىشى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى پۈتكۈل سىستېما قاتتىق چىرىكلەشكەن، دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون خانىم گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەھسۇلات سۈپىتى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

رىچاردسون: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەملىكلىگى مەيلى ئۇ ئىچكى ئىستېمال ياكى ئېكسپورتقا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا پۇقرالار قوغدالمىسا، يۇقىرىقى ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىنمىسا، مەھسۇلات بىخەتەرلىكىگە، مەھسۇلاتنىڭ ئۇلار ئېيتقاندەك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئىستېمالچىلارنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇپ بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي يېمەكلىكلىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغان گىرىم بۇيۇملىرىدىمۇ ئېغىر مەسىلە بار. مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاي يېمەكلىك ئېكسپورت كارخانىلىرى ۋە يېمەكلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى تەلەپ قىلغان.