غەربىي ئافرىقىدىن تارالغان ئەجەللىك ۋىرۇس ئىنسانلارغا خىرىس قىلماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.08.11
ebula-virus.jpg سۈرەتتە، ئېبۇلا ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى كۆرسىتىلگەن.
wikipedia.org

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جەنۋەدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنى ئېبۇلا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا جىددىي ئاگاھلاندۇردى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارىە-پاۇلە كىەني: «پۈتۈن دۇنيا دۇنيا بويىچە ئېبۇلا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە تارقىلىش سۈرئىتىگە قارىغاندا، بۇ، تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئېبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئاللىقاچان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەرب دۇنياسىغا تارقىلىپ، بەلكىم دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يامراپ بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا سەھىيە دائىرىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى «ئېبۇلا ۋىرۇسى خۇددى ئورمانلىقتا كۆيۈۋاتقان چوڭ ئوتتەك تېز يامرايدۇ.» بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى، دىئاگنوز قويۇلۇپ، شۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇ خىل كېسەللىك تارقىلىۋاتقان رايوننىڭ كېڭىيىشى «ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ»، چۈنكى بۇ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېخى تىزگىنلەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەر 932 غا يەتكەن، 1700 كىشىنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان. ئېبۇلا ۋىرۇسى نىگېرىيەگىچە تارالغان، شۇنداقلا نىگېرىيەدە ئىككى كىشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن. شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بۇ ئەجەللىك ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ ئېھتىمال سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ تارالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇ يىل 2-ئايدا گىۋېنىيەدە پارتلىغاندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ لېبىرىيە، سېررالىئون ۋە نىگېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقا ئەللىرىگە تارقالدى. بۇ قېتىملىقى بولسا 1976-يىل بۇ ۋىرۇس كونگودا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئېبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇم دائىرىسى 1-قېتىم غەربىي ئافرىقىنىڭ ئورمانلىقى ۋە كەنتلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان.

ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولغان بۇ جايلاردا قەرەللىك ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ ‏-پۇچقاقلىرىغا ئۇچۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاللىقاچان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەرب دۇنياسىغا تارقىلىپ بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ خىل كېسەللىك بەلكىم دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يامراپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنى لېبىرىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچىسى پاترىك ساۋيېر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نىگېرىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ دېلو كىشىلەرگە ئىبۇلا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپا ھەتتا پۈتكۈل يەر شارىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، نىگېرىيە سەھىيە تارماقلىرى ھازىر مۇشۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار بولغان 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. بۇرۇن كېنىيەگە ساياھەتكە چىققان بىر ئايال شياڭگاڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىر شياڭگاڭ ئېلىزابېت دوختۇرخانىسىدا ئايرىم داۋالىنىۋېتىپتۇ.

ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىماردا دەسلەپتە زۇكام، قىزىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا لانكاست ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېرېك گاسېرېر دوكتور مۇنداق دېدى، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن. شۇ خىل بىمار بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىققان كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن، بۇ خىل ۋىرۇس تۈكۈرۈك، تەر، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبۇلا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا يەنە دۆلەتلەرنى ۋىرۇسقا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىپ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرگە بىردەك ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، قىزىتمىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان جىددىي كارانتىن قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىققا، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كونترول قىلىنغۇچە ئارىلىقتا چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىلىشلارنى، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا چاقىردى.

بىز ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەجەللىك ۋىرۇس-ئېبۇلا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.