خەلقئارادىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان ئۇسۇل بىلەن ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر 60 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېنى بىلەن بىللە ئېلىپ ياشىماقتا. توغرا، ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋا يوق. لېكىن، بۇ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن تىزگىنلىگىلى بولىدىغان كېسەللىك.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، ئىنسانىيەت كېسەللىكلەر دەپتىرىدە تىزىملانغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئەيدىزدىن ئىبارەت ۋابانىڭ بۇ يىل تارقىلىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 26-نويابىر ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر 60 مىڭ ئەتراپىدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بولۇپ، خىتايدىكى ئەيدىزلەر سانىنىڭ 7.7% ئىنى تەشكىل قىلىدىكەن شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ دوكلاتتا «دېمەك شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلىغان» دېگەن يەكۈن ئاساسسىزلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گەرچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بۇ دوكلاتىدىمۇ، ئەيدىز يۇقۇم سۈرئىتى تۆۋەنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئەيدىز ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مۇتەخەسسىسى مەمەتئىمىن ئەپەندى، دۇنيا ئەيدىز ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر ئېلىنى يەنىلا يۇقۇملىنىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارادىكى مىڭلىغان قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن يۈزلىگەن دۆلەتلەردە ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ۋاپاغا قارشى ۋاكسىنا ۋە داۋالاش تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئەيدىز ۋاباسى ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر بىلەن تەڭ ئەيدىزنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تۈرلۈك يېڭى ئۇچۇر-خەۋەرلەر تارىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى تور بەتلەردە ئەيدىزنىڭ داۋاسى تېپىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. ئۇنداقتا زادى نۆۋەتتە ئەيدىزگە داۋا بارمۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىقاتلىرىدا قانچىلىك ئىلگىرىلەش بولدى؟ بۇنى يەنىلا مۇتەخەسسىس مەمەتئىمىن ئەپەندىدىن ئاڭلايلى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يارپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەيدىز كۆپ تارالغان جاي بولۇپ، بەلگىلىك كىشىلەر توپىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن، شۇنداقلا كۆچمەن نوپۇسلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش يەنىلا ناھايىتى قىيىن بولماقتا ئىكەن. مۇتەخەسسىس مەمتىمىن ئەپەندى بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزگە بولغان توغرا تونۇشىنى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ۋە قوغدىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئەيدىز تارقىلىشىنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە 60 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى بار دەپ مۆلچەرلەنمەكتە، پەقەت 500 ئەتراپىدىكى ئەيدىز پىدائىيلىرىلا، بۇ ئانا ماكاندىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توپى ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئاڭلاڭ دوستۇم، ئەيدىز ۋىرۇسى رېئال مەۋجۇت ۋابا، ئۇنى يېزىمىزدا، ئەتراپىمىزدا يوق دەپ كىممۇ كېسىپ ئېيتالايدۇ، بىز ئەيدىز مەۋجۇت بولغان جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئۆزىمىزنىڭ پاكلىقىغا ۋە ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا كۇپايە قىلساق يەتمەيدۇ، بىز يەنە ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىدىغان توغرا ئىلمىي چۈشەنچىلىرىمىزنى ئەتراپىمىزغا تارقىتىشىمىز، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا، ئەيدىز بىمارلىرىغا چوڭقۇر مېھىر بىلەن، روشەن ھەرىكىتىمىز بىلەن كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەيدىز پىداكارلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، بۇ مېنىڭ، سىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.