ئامېرىكا مىسسىسىپى شتاتىدا HIV ۋىرۇسى بىلەن تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاق، تۇغۇلۇپ 30 سائەتتىن كېيىن ئەيدزگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، بىر ئاي بولغاندا داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن، 18 ئايلىق بولغاندا بۇ قىزنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۆجىزە كەبى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن.
ئەيدىزدىن ساقايتىلغان بۇ تۇنجى بوۋاق ھەققىدىكى خەۋەر 3-مارت ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئىنسانلارغا ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئۈمىد بېغىشلىدى. كۈندە نەچچە مىڭ بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇغۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۇنجى قېتىم بىر بوۋاقنىڭ ئەيدىزدىن داۋالاپ ساقايتىلىشى 30 يىلدىن بۇيان ئەيدىزنى داۋالاشتا ئىنسانلارنىڭ باسقان ئەھمىيەتلىك بىر چوڭ قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.
مىسسىسىپىدا ياشايدىغان ئىككى يېرىم ياشلىق قىزنىڭ ئەيدىزدىن پۈتۈنلەي ساقايتىلغانلىقى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن،CNN, NBA, USA TODAY قاتارلىقلارنىڭ 4-مارت دۈشەنبىدىكى باش خەۋىرى بولدى.
مىسسىسىپى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور خانناھ گەي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلگەن 2013-يىللىق مېدىتسىنا تەتقىقات يىغىنىدا يەكشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، HIV بىلەن يۇقۇملانغان بىر ھامىلىدار ئايال تۇغۇشتىن ئىلگىرى داۋالىنىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلار، ئۇ قىزىنى يەڭگىپ 30 سائەتتىن كېيىن، بۇ قىز بوۋاقنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغان، بۇ قىز 18 ئايلىق بولغاندا بۇ قىزنىڭ بەدىنىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى تېپىلمىغان.
مىسسىپىلىق ئىككى يېرىم ياشلىق بۇ قىز دۇنيادا تۇنجى ئەيدىزدىن ساقايغان بالا بولۇپ قالدى.
مۇتەخەسسىس خانناھ گەي ئاخباراتلارغا بۈگۈن «بوۋاقلارغا قارىتا بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەيدىزنى تامامەن داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇ، ئەيدىزگە قارشى تەتقىقات ساھەسىدىكى زور قەدەم، ئەگەر بۇ بوۋاق تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئانىغا نىسبەتەن ئەيدىزگە قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى بولغان بولسا، بالىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئىنتايىن تۆۋەن بولاتتى. ئەگەر ئانا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ ھازىرقى ئەيدىزگە قارشى دورىلار ئارقىلىق بالىغا يۇقۇملىنىشنى 100% توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئەيدىز ئانىلارنىڭ ئىچىدە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار 30% ئەتراپىدا، بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئەمەلىيەتتە 2% كە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، نۇرغۇن بولغۇسى ئانىلارنىڭ پەقەت يەڭگىشكە ئاز قالغاندا ياكى يەڭگىش جەريانىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالماقتا. بۇ سەۋەبلىك بالىلار ئەيدىز ئانىلاردىن تۇغۇلۇش جەريانىدا يۇقۇملانماقتا.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئەمەلىيەتتە، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قىزغا داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقىسى 10 ئاي ئۈزۈلۈپ قالغان، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئانىسى 10 ئاي بۇرۇنلا بۇ ئەيدىز قىزىغا دوختۇرلار بۇيرۇغان ئەيدىزگە قارشى دورىلارنى بېرىشنى توختاتقان، مۇتەخەسسىسلەر10 ئايدىن كېيىن تەكشۈرگەندە بۇ قىزنىڭ بەختكە يارىشا بەدىنىدە HIV ۋىرۇسىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنى، ئۇ قىزنىڭ ئەسلى ساقايغان ۋاقتىنى بىر يېرىم ياش دەپ تەخمىن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ مىسسىسىپىلىق بوۋاقتىن باشقا، ھازىرغا قەدەر دۇنيادا ئەيدىزدىن ساقايغان بىرلا مىسال بولۇپ، ئۇ گېرمانىيىدە ياشايدىغان ئامېرىكىلىق تىموتېي بروۋن، ئۇ 2007-يىلى سۆڭەك راكىنى داۋالىتىش جەريانىدا ئەيدىزلىكى بايقىلىپ مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تەڭلا بىر ۋاقىتتا داۋالاش ئېلىپ بارغان، بۇلتۇر بروۋن ئاخباراتلارغا، دوختۇرلار، مۇتەخەسسىسلەر كۆپ قېتىم ئۆزىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە قايتا ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سۆڭەك راكى كېسەللىكىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىگە مۇھىت ھازىرلىمىغانلىقتەك ئالاھىدە سەۋەبلەردىن ئۇنىڭ قېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسلىرى تەرەققىي قىلمىغان دەپ چۈشەندۈرگەن.
مەسېچۇسىس ئەيدىز تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن Carlos del Rio بۈگۈن ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «بۇ بالا ئەسلىدە ئەيدىزدىن ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئەيدىز تەتقىقات ساھەسىدىكى بۇ نەتىجە ئاسان كۆرۈلمەيدىغان بىر ئالاھىدە ئەھۋال، ئەيدىز بالىلارنىڭ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىنى توختىتىش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەسلىكى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كۈندە مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇغۇلماقتا، بۇ، ئەيدىزدىن ساقايتىلغان تېخى تۇنجى بالا ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيادا ئەيدىزنىڭ تەھدىتىگە باشقىلارغا قارىغاندا كېيىنرەك بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن شىددەتلىك ئۇچرىماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي ئالاقە ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.
شۇنداقلا ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىن دوختۇرخانىلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولغۇسى ئانىلارنىڭ ھامىلىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلماي مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە 20 يىلدىن بۇيان ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلئىچى تەشكىلاتلاردىن «يارپ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ئەخمەتتىن، ئامېرىكىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ داۋالاپ ساقايتىلغانلىقىدەك خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سورىدۇق، ئۇ بۇ خەۋەردىن بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنىڭ باشقا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلايدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇرلارغا كۆپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەيدىز مۇتەخەسسىسى گەي يەنە ئاخباراتقا «دوختۇرلار تېخى مىسسىسىپىلىق بۇ ئەيدىز بوۋاقنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىشىغا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تېخى ئېنىق بىلمەيدۇ، بىز يەنە بىر مەزگىلگىچە بۇ بالىنى كۆزىتىپ تۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.