غۇلجىدا يامغۇر-سۇ ئاپىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئىئانە توپلىشى چەكلەندى

0:00 / 0:00

رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ۋادىسىدا 6-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلانغان ئاپەت خاراكتېرلىك قاتتىق يامغۇر يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەبىئىي ئاپەتنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. ئەمما ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پۇقرالارنىڭ ئىئانە توپلىشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپەيگەن. غۇلجادىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى «غۇلجىدا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا مۇقىمسىزلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا ھەربىيلەر، قوراللىق ساقچىلار ۋە ساقچىخانا خادىملىرى قاتنىشىۋاتقانلىقى، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ، ئىئانە توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىلى دىيارىدا باشلانغان ياققان قاتتىق يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

ئىلى رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى 1-قېتىملىق قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، 21-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلاپ، ئەسلىدىكى كەلكۈن ئاپىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، بولۇپمۇ غۇلجا ناھىيىسىدىكى قارىياغاچ، مازار، چولۇقاي قاتارلىق يېزىلاردا ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان. بۇ يېزىلاردىكى ئىلى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بويىغا جايلاشقان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مال-قوتانلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىش، ئۆي جابدۇقلىرى ۋە چارۋىلىرى كەلكۈندە ئېقىپ كېتىش، ئېتىزدىكى بۇغداي، زىغىر، قاتارلىق زىرائەتلەر سۇ ئاستىدا قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

تۈنۈگۈن يەنى 22-ئىيۇن چارشەنبە كۈنىمۇ غۇلجا ناھىيىسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ دېھقانلاردىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن كادىرلار ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ دېھقانلارنىڭ زىيان ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت بېرىشنى ۋەدە قىلغان تۆلەمنىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر زىيانلىرىنى تولدۇرۇشقا ئىمكانسىزلىقىنى، نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى رايونىدا قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جاي-جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئىئانە توپلاش چاقىرىقىنى قىلغان. ئەمما 20-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىدار سالۇنىدا پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىئانە توپلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىپ، ئۇيغۇرلار خالىغانچە ئىئانە توپلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان.

بىز مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ھەرقايسى يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما پەنجىم يېزىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ساقچى خادىمى تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئىلگىرى بۇ يېزىغا قاراشلىق بولسىمۇ، ھازىر غۇلجا ناھىيىسىگە بىۋاسىتە قارايدىغان قاراياغاچ يېزىدا يۈز بەرگەن قازاق موماي ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەۋرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلكۈندە ئېقىپ ئۆلۈش ۋەقەسى ۋە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

بۇ نۆۋەتچى خادىم يەنە، ئۈندىدار تورىدا تارقالغان پۇقرالارنىڭ ئىئانە يىغماسلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ، «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ، قالايمىقان ئىئانە توپلاپ، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ خىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان» لىقىنى، «ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغىمۇ غۇلجادىكى ھەربىيلەر، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە ھەرقايسى يېزىلاردىكى ساقچىخانىلاردىن ئادەم تەشكىللەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى غۇلجىدا ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاز بېرىش ياكى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرىنى كۆچۈرۈپ بېرىش بىلەن چەكلەنگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئاپەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئاپەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. گوگۇلدىن تەكشۈرگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاپەت ھەققىدە بېرىلگەن كۆچۈرۈلمە خەۋەرلىرىمۇ 20-ئىيۇن كۈنىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئىلى ۋادىسىدا تەخمىنەن 300 مىڭ ئاھالىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما 21-ئىيۇن 22-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى كېيىنكى نۆۋەتلىك يامغۇر ئاپىتى ھەققىدىكى كونكرېت تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەدھىيىلىنىدىغان خەۋەرلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاپەت رايونلىرىدا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاساسىي خەۋەر ئېقىمىنى تەشكىل قىلغان.