خىتايدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-نويابىردىن 22-نويابىرغا قەدەر ئىلى ۋادىسىدا توختىماي ياغقان قار ئارىلاش يامغۇر تۈپەيلىدىن ئېغىر ھۆلچىلىك ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھۆل-يېغىن مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، 108 مىللىمېتىردىن ئاشقان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى ئاپەت بۇنىڭدىن تۆت ئاي بۇرۇنقى بىر ھەپتىلىك ئۇدا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھۆلچىلىك ۋە كەلكۈندىن كېيىن بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئوخشاش خاراكتېرلىك ئىككىنچى قېتىملىق ئاپەت ئىكەن. ئوخشىمايدىغىنى ئالدىنقى قېتىملىق ئاپەت ھاۋا ئىسسىق بولغان ياز مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىمقىسى قىش پەسلى باشلىنىپ ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئاپەت جەريانىدا بورانمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلغان. «ئىلى خەۋەرلىرى تورى»نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىغان ئامما 80 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەتتە مىڭغا يېقىن ئائىلىنىڭ 15 مىڭ ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان خەلق پۇلى ھېسابىدا بىر مىليارد سومغا يەتكەن. بىز بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىر قىسىم يەرلىك ئاھالە بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشتۇق.
زىيارەت جەريانىدا بىز يامغۇرنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، يەرلىك كىشىلەر يامغۇرنىڭ ھازىرمۇ يېغىۋاتقىنىنى، كونىراق بىنا ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن تامچە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بىر قىسىم توپا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شۇنداقلا مۇشۇ جەرياندا يامغۇر تۈپەيلىدىن ئۆرۈلگەن ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك دېھقانلار ئىكەنلىكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كونىراپ كەتكەنلىكى مۇشۇ قېتىملىق ھۆلچىلىكتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مۇشۇ خىلدىكى زىيارەت ئارقىلىق شەھەر مەركىزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردىكى بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلاردا بۇ خىلدىكى ئەھۋالنىڭ ئاساسەن كۆرۈلمىگەنلىكى، يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھۆلچىلىكنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ لاي ئۆيلەردە ئولتۇرۇشلۇق دېھقانلار ۋە كونا بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
0:00 / 0:00