خىتايدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-نويابىردىن 22-نويابىرغا قەدەر ئىلى ۋادىسىدا توختىماي ياغقان قار ئارىلاش يامغۇر تۈپەيلىدىن ئېغىر ھۆلچىلىك ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
ئىلى ۋادىسىدىكى ئون كۈنلۈك قار ئارىلاش يامغۇردىن كېيىن يەرلىك ئاھالىلەردىن تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئاپەتنىڭ مۆلچەرلىگىنىمىزدىنمۇ ئېغىرلىقى مەلۇم بولدى. يامغۇر سەۋەبىدىن توپا ئۆيلەر ۋە لاي قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ بىر قىسىم ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى سورىغىنىمىزدا، غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى بايكۆل رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خانىم شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىدار ۋە توربەتلەردىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاندىن بىز، ئۆي ئۆرۈلۈپ ئۆي ئىگىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دەپ قارالغان ئۆيگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئۆي ئىگىسى ئۆز ئۆيىنىڭ يامغۇردا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئۆرۈلمىگەنلىكىنى، بىز سورىغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆينىڭ ئۆز ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مەھەللىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداقلا مۇشۇ ھەقتە قوشنىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بىر نەچچە سائەت سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى، ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللىدىكى بىر ئائىلە بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق. ئۇ ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۆي ئىگىسى ھامىلىدار بولغىنىغا بىرنەچچە ئايلىق بولغان ئايال بولۇپ، يولدىشى ۋە نارەسىدە ئىككى بالىسى بىلەن ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. كۈتۈلمىگەندە يېرىم كېچىدە ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆي ئىگىسى ئايال بالىلىرى بىلەن بىللە تام ئاستىدا قېلىپ قازا قىلىپتۇ، يولدىشى ھايات قالغان بولسىمۇ ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.
«ئىلى خەۋەرلىرى تورى»نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىغان ئامما 80 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەتتە مىڭغا يېقىن ئائىلىنىڭ 15 مىڭ ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىكەن.
بىز ئىلى ئوبلاستلىق ۋە غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلىپ باقماقچى بولدۇق. ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان خىتاي خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا قىسقىچە جاۋاب بەردى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ھەممە ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقاچ، بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما بۇ خىلدىكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ئۆلۈم-يىتىم بولغانلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئوخشىمىغان ساھەدىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئون كۈنچە داۋام قىلغان ھۆل-يېغىن جەريانىدا تۆۋەن كىرىملىك تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن ياشاۋاتقان، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن بىنا ئۆيلەرگە ياكى خىش ئۆيلەرگە كۆچۈشكە ئىلاجسىز قالغان دېھقانلارنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئىقتىسادىي زىيانغا ۋە روھىي زەربىگە مۇپتىلا بولغانلىقى مەلۇم بولدى.