كېرىيەدە ھامىلىسى قەتلىئام قىلىنغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يامانلاشماقتا
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.20
2014.01.20
كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ھامىلىدار ئايالنىڭ 6 ئايلىقتىن يۇقىرى ھامىلىلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەندىن باشقا 3500 سوم دوختۇر چىقىمىنىمۇ شۇ ئائىلىلەرگە تۆلەتكۈزكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئانىلار سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. نەتىجىدە ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا سالامەتلىك ئەھۋالى تېخىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن. بولۇپمۇ 8 ئايلىق ھامىلىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن قەمبەرنىسا خانىمنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلاشقان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.