ئاۋسترالىيەدە مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ۋاپاتىنىڭ 1 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

1-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرىدىن جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 1-نويابىر كۈنى سىيدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر قاتنىشىپ مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 2014-يىلى 30-ئۆكتەبىر كۈنى 62 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى.

جۈرئەت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھايات مەزگىللىرىدە ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە د ئۇ ق نى ماددىي تەرەپلەردىن يۆلىگەن ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تۆھپە قوشقان.

جۈرئەت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، مەرھۇمنىڭ ئېغىر كېسەل مەزگىللىرىدە ۋىيېتنامغا بېرىپ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتنىشىپ خىتايدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا زور جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم يەنە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەردە بولغان.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 2013-يىلى گېرمانىيەگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن مەزگىللىرىدە ئۆز كەچمىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئاخىرقى بايانلىرىدا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.