ئىلى دەريا ۋادىسى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 26-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇدا ئىككى كۈن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى بەش ناھىيىدە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، لاي كېسەكلىك بەزى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ زور مىقداردا چارۋا مال ۋە زىرائەتلىرى ئېغىر ۋەيران بولغان، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر يوق. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە غۇلجا شەھىرى، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا، جېلىليۈزى، تېكەس، قورغاس، نىلقا قاتارلىق ناھىيەلەردىن 100 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي چىقىم 300 مىليون سومدىن ئاشقان.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى بىلەن شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋاسىنىڭ تەسىرىدە تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ غەربىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدا 26-ئىيۇندىن باشلاپ 28-ئىيۇن كەچكىچە ئىككى كۈن ئۇدا قارا يامغۇر، بەزى جايلاردا مۆلدۈر يېغىپ، ئىلىنىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەر، تاغلىق رايون ۋە يېزا، كەنتلىرىدە كەلكۈن ۋە لاي-لاتقا تاغ سېرىلىش قاتارلىق ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزتارا ناھىيىسىدە 24 سائەت ئىچىدە ياغقان يامغۇر مىقدارى 94.8 مىللىلىتىرغا يېتىپ يامغۇر مىقدارى شۇ جايدىكى تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان. توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ كۆپلىگەن يېزا، بازارلىرىدا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ، يوللار توسۇلۇپ قالغان. تېكەس ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى كۆكتېرەك كەنتىدە كەلكۈن لاتقا ۋە شېغىللارنى ئېقىتقان ھالدا كەنت بازىرى ۋە ئاھالىلەر رايونىغا بۆسۈپ كىرگەن، يەرلىك ئامما خەتەرلىك رايوندىن چېكىندۈرۈلگەن. ئىلى دەرياسىنىڭ ۋادىسىدىكى كۆپ قىسىم يېزا، بازارلىرىغا قىيان كېلىپ، بىر قىسىم سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە كەلكۈن رايونىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدىكى ئىلى ئوبلاستىنىڭ تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتى غۇلجا شەھىرى، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا، جېلىليۈزى، تېكەس، قورغاس، نىلقا قاتارلىق ناھىيەلەردىن يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كۆلىمى 250 مىڭ موغا يېقىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان يايلاق كۆلىمى 49.5 مو، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تېرىلغۇ يەر 600 مو بولغان. ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆلگەن مال-چارۋا 513 تۇياق؛ 607 نەپەر نوپۇسنىڭ 1561 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلگەن، 1503 نوپۇسنىڭ 3521 ئېغىز ئۆيى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 7512 نوپۇسنىڭ 21355 ئېغىز ئۆي يېنىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي چىقىم 301 مىليون سومدىن ئاشقان.

بۇ قېتىملىق قارا يامغۇر ئاپىتىدە جېلىليۈزى (غۇلجا ناھىيىسى)نىڭ 12 يېزا، بازىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. دەسلەپكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 100000 مو، نوپۇس 10 مىڭغا يېقىن بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 50 مىليون سوم بولغان.

بىز ئاپەت ئېغىر بولغان غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خادىم، ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «پەقەت تاغ ئېتىكىدىكى بەزى جايلاردا ئاپەت بولدى، لېكىن ھازىر پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن كېلىپ ھەممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

بىز يەنە بۇ ناھىيىدىكى ئاۋرال تېغى ئېتىكىدىكى قىياننىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان سامۇ يۈزى يېزىسىدىكى ئاممىغا تېلېفون قىلدۇق، بىر ئۇيغۇر قىز يېزىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سامۇ يېزىدىكى 8 كەنتنىڭ ئىچىدە، بۇلاق، ئەشرەپ، ۋە يېڭى ئاۋات كەنتلىرىدە ئاپەت ئالاھىدە ئېغىر بولغان بولۇپ، قارا يامغۇر كەلكۈن بولۇپ شەكىللىنىپ، ئۆستەڭ مۇداپىئە قىرلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئېتىزلىقلارغا، قورۇ-ئۆيلەرگىچە ئېقىپ كىرگەن. قورۇ تاملىرى ئۆرۈلۈپ، بەزى لاي ئۆيلەر، قوتانلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. كۆپ ساندا مال-ۋارانلار تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن، ئەمما ئادەم ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئەھۋاللار تېخى مەلۇم بولمىغان، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن دېھقان، چارۋىچىلار، يېڭىئاۋاتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ۋاقىتلىق كۆچۈرۈلگەن.

جېلىليۈزى (غۇلجا ناھىيىسى)-تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبى چاپچال ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربى غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. پۈتۈن ناھىيىنىڭ يەر مەيدانى 4585 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمى نوپۇسى 400 مىڭ.

بىز يەنە، كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئىككى كۈندىن بۇيان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بىر قازاق يىگىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئاپەتنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكىنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان كادىرلارنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىق نۆۋەتچىلىكتە تۇرغاچ، بىر ئاز ناخشا ئېيتىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپ ھاردۇق چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلارنىڭ كەيپىياتىغا قارىغاندا، رايوندا بۇ قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى گەرچە ئېغىر بولغان بولسىمۇ، خەتىرى بىر قەدەر تىزگىنلەنگەن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر ئاپەتتىن ئۇنچە جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكىدىن رايوندا بۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

غۇلجا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى قارا يامغۇر غۇلجا شەھەر رايونىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارىنى 24.8 مىللىلىتىرغا يەتكۈزگەن. سۇ چىقىرىش تۇرۇبىلىرى كونىراپ كېتىشى سەۋەبلىك، غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ يىغىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان ۋە بۇ ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن..