«ئىللىق ئائىلە» نىڭ بەدىلى (1)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىل 12-ئۆكتەبىر «ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرىنى» ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ھۆججەتتە «شەخسلەر ساناتورىيە قۇرماقچى بولسا قۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ ۋە پۇقرالىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ كارىۋات سانى 100 دىن ئاشسا ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن قۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سىياسەت، باج قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك ئېتىبار ئارقىلىق، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرغانلارنىڭ ئېتىبار سىياسەتلەردىن قانداق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، خوتەندە يېڭىدىن شۇنداقلا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئىللىق ئائىلە» ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ئورۇننىڭ تېخى مەزكۇر ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدىن بەھرىمەن قىلىنمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەندىكى مەزكۇر تۇنجى پۇقراۋى ساناتورىيىنىڭ قۇرغۇچىسى گۆھەرنىسا خانىم ۋە بەزى كۈتۈنۈۋاتقان ياشانغانلار بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.