«ئىللىق ئائىلە» نىڭ بەدىلى (2)

نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك بىر ئىجتىمائىي مەسىلە، خىتايغا نىسبەتەن بۇ بىر كرىزىس.

0:00 / 0:00

گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن قېرىلىشىش نىسبىتى تېخى بىر تەھدىت ياراتقۇدەك مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ياشانغانلارنىڭ بېقىلىش ۋە كۈتۈنۈش مەسىلىسىدىن خالى ئەمەس. تەرەققىيات، شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىماقتا. بۇ خىل مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياج تۈپەيلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئىجتىمائىي كۈچلەر، شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا، خوتەندە يېڭىدىن شۇنداقلا تۇنجى قېتىم شەخس تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئىللىق ئائىلە» ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى گۆھەرنىسا خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ گۆھەرنىسا خانىم بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بۈگۈنكى سۆھبىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە بولغان تونۇشى ھەققىدە داۋاملىشىدۇ.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.